44 مانا بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يات خەلقلەردىن خوتۇن ئالغان، بەزىلىرى بۇ خوتۇنلاردىن بالىمۇ تاپقان.
ئوغلۇم، نېمىشقا شەيدا بولىسەن بۇزۇق خوتۇنغا؟ نېمىشقا ئاتىسەن ئۆزۈڭنى زىناخور خوتۇننىڭ قوينىغا؟
ھەسەل تامار بۇزۇق خوتۇننىڭ لەۋلىرىدىن، سىلىقتۇر ئۇنىڭ سۆزلىرى زەيتۇن يېغىدىن.
دانالىق ساقلار سېنى زىناخور ئايالدىن، شېرىن-شېكەر سۆزلۈك، بۇزۇق خوتۇندىن.
شۇڭا بىز بۇ خوتۇنلار ۋە ئۇلاردىن بولغان بالىلاردىن ۋاز كېچىمىز دەپ، خۇدايىمىزغا قەسەم بېرىمىز. قەسىمىمىزنى سېنىڭ ۋە خۇدايىمىزنىڭ ئەمرىگە بويسۇنىدىغان كىشىلەرنىڭ نەسىھەتلىرى بويىچە مېڭىپ، خۇدانىڭ قانۇنىغا بىنائەن ئورۇندايمىز.
پادىشاھ سۇلايمان پىرئەۋننىڭ قىزىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن يات ئەللەرنىڭ قىزلىرىغا، يەنى موئابلىق، ئاممونلۇق، ئىدوملۇق، سىدونلۇق ۋە خىتلىق قىزلارغا ئاشىق بولدى.
ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قىزلىرىدىن ئۆيلىنىپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىرقىنى بۇلغىدى. ھەممىدىن يامان بولغىنى، بۇ خىل ساداقەتسىزلىك گۇناھىنى ئۆتكۈزۈشتە ئەمەلدارلار بىلەن يېتەكچىلەر باشلامچى بولدى! _ دېدى.