Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزرا 10:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئورنۇڭدىن تۇرغىن! سەن بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، بىز سېنى قوللايمىز. سەن جۈرئەتلىك بولۇپ، بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىن! _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




ئەزرا 10:4
14 Referans Kwoze  

سۆزلىرىمگە قۇلاق سالغىن، پەرۋەردىگار مۇقەددەس جاي بولغان ئىبادەتخانىنى سېلىشقا سېنى تاللىغان ئىكەن، دادىللىق بىلەن ئىشلىگىن!


قىلالايدىغان ئىشلىرىڭنى ئامال بار تىرىشىپ قىلغىن، چۈنكى سەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن باقىي دۇنيادا قىلىدىغان ئىش، پىلان، بىلىم ۋە دانالىقمۇ يوق.


مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىش ۋە ياخشى ئىش قىلىش ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنى قانداق رىغبەتلەندۈرۈشنى ئويلايلى.


ھازىردىن باشلاپ سىلەر پۈتۈن جان-دىلىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ نام-شەرىپىگە ئاتىلىدىغان ئىبادەتخانىنى سېلىشنى باشلاڭلار. شۇنداق قىلغاندىلا ئەھدە ساندۇقى ۋە خۇداغا تەۋە مۇقەددەس نەرسىلەرنى ئۇنىڭ ئىچىگە قويالايسىلەر.


يەنە ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ ۋە تۆمۈرلەرنى پىششىقلاپ ئىشلىيەلەيدىغان نۇرغۇنلىغان ماھىر ھۈنەرۋەنلەرمۇ بار. قېنى، ھازىرلا ئىشنى باشلىغىن. پەرۋەردىگار ساڭا يار بولسۇن.


بۇ، سەپەرگە چىقماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. ئۇ يولغا چىقىدىغان چاغدا، چاكارلىرىنىڭ خىزمەت دائىرىسىنى بەلگىلەپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ۋەزىپە تاپشۇرىدۇ. دەرۋازىدىكى كۆزەتچىگىمۇ ھوشيار بولۇشنى تاپىلايدۇ.


مانا قارىغىن، روھانىيلار ۋە لاۋىيلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ھەرقانداق خىزمەتلەرنى قىلىشقا تەيياردۇر. ئۇستا ھۈنەرۋەنلەرمۇ ئۆز ئىختىيارلىقى ۋە جان-دىلى بىلەن ساڭا ياردەم قىلىدۇ. پۈتۈن ئەمەلدار ۋە خەلق سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا بويسۇنىدۇ، _ دېدى.


شۇنىڭ بىلەن ئەزرا ئورنىدىن تۇرۇپ، روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە بارلىق ئىسرائىل خەلقىنىڭ يېتەكچىلىرىنى بۇ تەكلىپ بويىچە ئىش كۆرۈشكە قەسەم قىلدۇردى. ئۇلار شۇ بويىچە قەسەم قىلدى.


ئۇ ئوغلى سۇلايمانغا يەنە: _ ئىش قىلغاندا قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بولغىن، ھەرگىز قورقمىغىن ھەم بوشىشىپ قالمىغىن! چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا، يەنى مەن ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا ياردۇر. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئىبادەتخانىسى قۇرۇلۇپ بولغۇچە، سەندىن ئايرىلمايدۇ ۋە سېنى ھەرگىز تاشلىمايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite