2 ئېلام جەمەتىدىن يىخىئېلنىڭ ئوغلى شىكانيا ئەزراغا: _ بىز يەرلىك يات خەلقلەردىن خوتۇن ئېلىپ، خۇدايىمىزغا ساداقەتسىزلىك قىلدۇق. شۇنداق بولسىمۇ، ئىسرائىللاردا يەنىلا ئۈمىد بار.
سىلەرمۇ ئەمدى يات خەلقلەردىن بولغان ئاياللار بىلەن ئۆيلىنىپ، خۇداغا ساداقەتسىزلىك قىلىۋاتىسىلەر. سىلەرنىڭ قىلغان بۇ رەزىللىكىڭلارغا كۆز يۇمايلىمۇ ئەمدى!
ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرى يەرلىك خەلقلەرنىڭ قىزلىرىدىن ئۆيلىنىپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىرقىنى بۇلغىدى. ھەممىدىن يامان بولغىنى، بۇ خىل ساداقەتسىزلىك گۇناھىنى ئۆتكۈزۈشتە ئەمەلدارلار بىلەن يېتەكچىلەر باشلامچى بولدى! _ دېدى.
ئېھتىيات قىلىڭلار، ئۇ زېمىندىكى خەلقلەر بىلەن ھەرگىز كېلىشىم تۈزمەڭلار. بولمىسا، سىلەر ئۇلارنىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپ، ئۇلارغا ئوخشاش رەزىل يولغا كىرىپ قالىسىلەر.
لېكىن، باشقىلارغا ئىككى خىل كۆز بىلەن قارىساڭلار، گۇناھ قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى، سىلەر خۇدانىڭ ئاشۇ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدىڭلار.
ئىممېرنىڭ ئوغلى زادوق ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكى بولغان ئۆز ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىنى رېمونت قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى شىكانيانىڭ ئوغلى، يەنى شەرقىي دەرۋازىنىڭ دەرۋازىۋىنى شىمايا رېمونت قىلدى.
ئېلام جەمەتىدىن ماتتانيا، زىكىرىيا، يىخىئېل، ئابدى، يىرېموت ۋە ئىلياس،
ئېلاملىقلاردىن 1254 كىشى،
ئېلام جەمەتىدىن 1254 كىشى،
ئېلام جەمەتىدىن ئاتاليانىڭ ئوغلى يىشايا ۋە 70 ئەر،
بۇ ئىشلار ئۆتۈپ، بەزى يەھۇدىي ئەمەلدارلار ماڭا كېلىپ: _ بەزى ئىسرائىللار، جۈملىدىن ئۇلار ئارىسدىكى بەزى روھانىيلار ۋە لاۋىيلارمۇ يەرلىك خەلقلەردىن، يەنى كەنئانلار، خىتلار، پەرىززىلەر، يىبۇسلار، ئاممونلار، موئابلار، مىسىرلىقلار، ئامورلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىشلىرىدىن ئۆزلىرىنى نېرى تۇتمىدى.
روناق تاپالماس ئۆز گۇناھلىرىنى يوشۇرغان، رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشەر گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ قول ئۈزگەن.