Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزرا 10:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئەزرا ئىبادەتخانا ئالدىدا ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ دۇئا قىلىپ، يىغا-زار بىلەن توۋا قىلىۋاتقىنىدا، زور بىر توپ ئىسرائىللار، جۈملىدىن ئەر-ئايال ۋە بالىلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، قاتتىق يىغلاشتى.

Gade chapit la Kopi




ئەزرا 10:1
29 Referans Kwoze  

مەن دۇئالىرىمنى داۋاملاشتۇرۇپ، گۇناھلىرىمنى ۋە خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلدىم. پەرۋەردىگارىم خۇدادىن ئۇنىڭ مۇقەددەس تېغى يېرۇسالېم ئۈچۈن ئىلتىجا قىلدىم.


خەلقلەر بويسۇنمىغاچ قانۇنۇڭغا، كۆز يېشىم دەريا بولۇپ ئاقماقتا.


دېمەكچى بولغىنىم، ئىسرائىللار، يەنى يەھۇدىيلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلىقىغا كەلسەك، مەن ئۇلار ئۈچۈن ئىنتايىن كۆپ غەم-قايغۇ قىلىۋاتىمەن، قەلبىممۇ ھەمىشە ئازاب ئىچىدە ئۆرتىنىۋاتىدۇ.


مەن خىزمەتكارىڭ ۋە ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىللار بۇ يەرگە قاراپ دۇئا قىلغان ۋاقتىدا، بىزنىڭ ئىلتىجالىرىمىزغا قۇلاق سالغايسەن ۋە ئىلتىجايىمىزنى ئەرشتىكى دەرگاھىڭدا تۇرۇپ ئاڭلاپ، گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن.


ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلگەندە، شەھەرنى كۆرۈپ، ھەسرەتتە كۆز يېشى قىلىپ:


خەلق قانۇننى ئاڭلاپ، كۆز يېشى قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيە باشلىقى نەخەمىيا، تەۋرات ئۇستازى روھانىي ئەزرا ۋە قانۇن توغرۇلۇق چۈشەنچە بېرىدىغان لاۋىيلار خەلققە: _ بۈگۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۈچۈن مۇقەددەس كۈندۇر! سىلەر يىغا-زار قىلماڭلار!


مەن داۋۇت ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقىنى مېھىر-شەپقەت روھىغا ۋە دۇئا ئىستىكىگە چۆمدۈرىمەن. ئۇلار ماڭا، يەنى ئۆزلىرى نەيزە تىققۇچىغا قارايدۇ. ئۇلار خۇددى يالغۇز پەرزەنتىگە ماتەم تۇتقاندەك ماتەم تۇتىدۇ ۋە تۇنجى پەرزەنتىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ھازا ئاچقاندەك، قاتتىق يىغلىشىدۇ.


يۇقىرىقىلاردىن باشقا روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، مۇناجاتچىلىرى، خىزمەتكارلىرى ھەم خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇش يولىدا بۇ زېمىندىكى يات خەلقلەردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالغانلار، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ۋە بارلىق ئەقىل يېشىغا يەتكەن ئوغۇل-قىزلىرى


ئۇلار: «ئەگەر بىز مەيلى ئۇرۇش، مەيلى ۋابا ياكى ئاچارچىلىق بولسۇن، مەلۇم بىر قىيىنچىلىققا ئۇچرىساق، ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا، يەنى سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا تۇرۇپ، ساڭا نىدا قىلساق، سەن نىدايىمىزنى ئاڭلاپ، ياردەم قىلىسەن» دېيىشكەن ئەمەسمىدى؟!


توۋا قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىڭلار ۋە مۇنداق دۇئا قىلىڭلار: «بارلىق گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن، شاپائەت قىلىپ، بىزنى قوبۇل قىلغايسەن، مەدھىيەلىرىمىزنى قۇربانلىق ئورنىدا قوبۇل قىلغايسەن!


ئەگەر سىلەر يەنىلا سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىساڭلار، سىلەرنىڭ بۇ مەغرۇرلۇقۇڭلار ئۈچۈن، پەقەت مەنلا يالغۇز قايغۇرۇپ يىغلايمەن. قاتتىق يىغلايمەن، كۆزلىرىم ئازاب ياشلىرىغا تولىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى سۈرگۈن بولۇپ كېتىدۇ.»


بېشىم قۇدۇق، كۆزلىرىم بۇلاق بولغاي، ئۆلتۈرۈلگەن خەلقىمگە كېچە-كۈندۈز يىغلاي.


ئەمدى ئىقرار قىلدىم گۇناھلىرىمنى، تونۇدۇم ئالدىڭدا ئەسكىلىكىمنى. دېگىنىمدە: «پەرۋەردىگار، ئىقرارمەن گۇناھىمغا»، خالاس قىلدىڭ ئازابتىن مېنى، كەچۈرۈپ گۇناھلىرىمنى. سېلاھ


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سېنىڭ قىلغان دۇئا ۋە ئىلتىجايىڭنى ئاڭلىدىم. سەن سالغان بۇ ئىبادەتخانىنى خەلقنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك مۇقەددەس قىلدىم. كۆزۈم ۋە قەلبىم ھەمىشە مۇشۇ يەردە بولىدۇ.


بىراق، بىز ئۇ يەردە بىر ھەپتە تۇرغاندىن كېيىن، سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. ئېتىقادچىلار ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنىڭ ھەممىسى بىزنى شەھەرنىڭ سىرتىغا ئۇزىتىپ چىقتى. ھەممەيلەن دېڭىز بويىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ بىللە دۇئا قىلدۇق.


كورنىلىي مۇنداق دېدى: - تۆت كۈننىڭ ئالدىدا دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، يەنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، مەن ئۆيدە دۇئا قىلىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز كىيىملىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان بىر پەرىشتە ئادەم شەكلىدە ئالدىمدا پەيدا بولۇپ:


يەھۇدىيە ئەرلىرى بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇشتى.


ئەر-ئاياللار، بالىلار ۋە يۇرتۇڭلاردىكى يات خەلقلەرنى يىغىپ، ئۇلارغا بۇ قانۇننى ئاڭلىتىڭلار. ئۇلار پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىشنى، بۇ قانۇندىكى بارلىق ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ، ئەمەل قىلىشنى ئۆگەنسۇن.


گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى.


ئاندىن ئەزرا ئىبادەتخانا ئالدىدىن ئايرىلىپ، ئەلياشىبنىڭ ئوغلى يىھوخاناننىڭ ھۇجرىسىغا كىردى ۋە كېچىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزدى. ئۇ يېمىدى، ئىچمىدى، پەقەت سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكى ئۈچۈن ھەسرەت چەكتى.


مەن بۇلارنى ئاڭلاپ، لاسسىدە بولۇپ، يەردە ئولتۇرۇپ قالدىم، كۆزلىرىمدىن ياشلار تۆكۈلدى. كۈنلەپ ھەسرەتتە يۈردۈم، روزا تۇتتۇم ھەمدە ئەرشئەلادىكى خۇداغا دۇئا قىلدىم:


مەن خىزمەتكارلىرىڭ بولغان ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز دۇئا قىلغىنىمدا، دۇئالىرىمغا قۇلاق سالغايسەن ۋە ماڭا نەزەر سالغايسەن! مەن بىز ئىسرائىللارنىڭ ساڭا قارشى گۇناھ قىلغىنىغا توۋا قىلىمەن. ئەجدادلىرىم گۇناھ ئۆتكۈزدى، ھەتتا مەنمۇ گۇناھ ئۆتكۈزدۈم.


يوشۇۋا ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىنتايىن قايغۇردى. ئۇلار كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، باشلىرىغا توپا چېچىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئالدىدا يۈزىنى يەرگە يېقىپ دۈم ياتتى. ئۇلار گۇگۇم چۈشكۈچە شۇنداق قىلدى.


يوشۇۋا شۇ يەرگە توپلانغان ئىسرائىل خەلقىگە، جۈملىدىن ئاياللار، بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان يات خەلقلەرگە مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇندىكى سۆزلەردىن ئوقۇپ بەرمىگەنلىرى قالمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite