ئەزرا 1:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 1-يىلى پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. پەرۋەردىگار پادىشاھ كورەشنىڭ دىلىغا سېلىپ، بىر پەرمان چۈشۈرگۈزدى. پادىشاھ ئۇنى مەكتۇپ قىلىپ پۈتكۈزۈپ، پادىشاھلىقىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقاتتى: Gade chapit la |
يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. ھاگاي پەيغەمبەر ۋە ئىددونىڭ ئەۋلادى بولغان زىكىرىيا پەيغەمبەر ئۆزلىرىنىڭ ۋەھىيلىرى بىلەن ئۇلارنى روھى جەھەتتىن ئىلھاملاندۇردى. ئۇلار ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەمرىگە بىنائەن پېرسىيە پادىشاھلىرى كورەش، دارىئوس ۋە ئارتاخشاستىنىڭ پەرمانلىرى بويىچە ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشنى تاماملىدى.