Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 9:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئۇ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقىنىڭ گۇناھلىرى چېكىگە يەتتى. پۈتۈن زېمىن قانغا بويالدى ۋە يېرۇسالېممۇ ئادالەتسىزلىككە تولدى. ئۇلار: «پەرۋەردىگار بۇ زېمىندىن ۋاز كەچتى، بىزنى كۆرمەيدۇ» دېيىشىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 9:9
34 Referans Kwoze  

ئۇ يەنە ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ بۇتلىرى بىلەن يوشۇرۇنچە نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇلار: «بىزنى پەرۋەردىگار كۆرمەيدۇ، پەرۋەردىگار زېمىنىمىزدىن ئاللىقاچان ۋاز كەچتى» دەپ ئويلايدۇ.


بىراق سەن: ‹خۇدا نېمىنى بىلەتتى، ئۇ قاراڭغۇلۇقنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ قانداقسىگە سوراق قىلالىسۇن؟


خەلقىمگە زەنجىرلەر تەييارلانسۇن. بۇ زېمىن قاتىللىققا تولدى، شەھەرنى زوراۋانلىق قاپلىدى.


كىيىم-كېچەكلىرىڭلار يوقسۇللار ۋە بىگۇناھلارنىڭ قېنىغا مىلەندى. لېكىن ئۇلار ئۆيلىرىڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىپ تۇتۇلۇپ قېلىنغان ئوغرى ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ،


ئۆزلىرىنىڭ پىلانىنى پەرۋەردىگاردىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆز ئىشلىرىنى قاراڭغۇدا يوشۇرۇنچە قىلىدۇ ۋە ئويلايدۇ: «بىزنى كىم كۆرىدۇ؟ بىزنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىمىزنى كىم بىلىدۇ؟»


ئۇلار دەر: «كۆرمەيدۇ پەرۋەردىگار، ياقۇپنىڭ خۇداسى بىلمەيدۇ زىنھار.»


دەر يامانلار كۆڭۈللىرىدە: «ئۇنتۇپ قالدى خۇدا بىزنى، نەزەر سالمايدۇ ھەرگىز بىزگە، يۇمۇۋالغاندۇر كۆزلىرىنى.»


ماناسسە يەھۇدىيەلىكلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى يامان بولغان ئىشلارنى قىلىشقا يېتەكلەپ گۇناھ قىلغاندىن سىرت، يەنە نۇرغۇن گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكتى. يېرۇسالېمنى ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگىچە قان بىلەن بويىدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيانقى پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىگە، يەنى ھابىلنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن تارتىپ تاكى روھانىي زەكەرىيانىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جاي بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىدا ئۆلتۈرۈلۈشىگىچە بولغان قان قەرزلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇشۇ زاماننىڭ ئادەملىرى جاۋابكار بولىدۇ. شۇنداق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن سىلەر جازاغا تارتىلىسىلەر.


ئۇ يەنە ماڭا: _ ئەي ئادەم بالىسى، كۆردۈڭمۇ؟ يەھۇدىيە خەلقىنىڭ بۇ يىرگىنچلىك ئىشلىرى كىچىك ئىشمۇ؟ ئۇلار پۈتۈن زېمىندا زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىپ، غەزىپىمنى تېخىمۇ قوزغىدى. ئۇلار مېنى مەنسىتمەي، قوللىرىدا شاخ تۇتۇپ، بۇتقا چوقۇندى.


ئەمما سەن قەلبىڭنى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىققا مايىل قىلدىڭ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكتۈڭ، كۆزلىرىڭنى پەقەتلا دۇرۇس بولمىغان مەنپەئەتكە تىكتىڭ.»


ئەي گۇناھكار قوۋم، رەزىللىككە پاتقان خەلق، قەبىھلەرنىڭ پۇشتى، ساختىلىققا تولغان ئەل! بۇ خەلق پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدى، ئۇلار ئۆزلىرىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانى كۆزگە ئىلمىدى، ئۇلار ئۇنى تاشلىۋەتتى.


بولۇپمۇ ماناسسە يېرۇسالېمدا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، بىگۇناھ خەلقنىڭ قېنىنى تۆككەچكە، پەرۋەردىگار ئۇنى ھەرگىز كەچۈرمەيتتى.


لېكىن سىلەر ساداقەتسىزلىك قىلدىڭلار ئۇنىڭغا، ئەيىبلىكسىلەر، مۇناسىپ ئەمەسسىلەر ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بولۇشقا. سىلەر چىرىك ۋە رەزىل ئەۋلادتۇرسىلەر.


بىلىمەنكى، مەن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، تاپتىن چىقىسىلەر ۋە مەن بۇيرۇغان يولدىن ئازىسىلەر. كەلگۈسىدە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغان ئىشلارنى قىلىسىلەر ۋە قىلغان قىلمىشىڭلار ئارقىلىق ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىسىلەر، بالايىئاپەت بېشىڭلارغا كېلىدۇ.


سەن ئۆزۈڭنىڭ رەزىللىكىڭگە تايىنىپ، ‹قىلغان يامان ئىشلىرىمنى ھېچكىم كۆرمەيدۇ› دەپ ئويلايسەن. سېنىڭ دانالىقىڭ، بىلىمىڭ سېنى يولدىن ئازدۇردى. سەن ئۆزۈڭچە: ‹دۇنيادا پەقەت مەن بىرلا، مەندىن ئۈستۈن تۇرىدىغان باشقا بىرسى يوق› دەپ ئويلايسەن.


خوجايىن بولۇپ دۈشمەنلىرى سىئونغا، روناق تېپىپ، گۈللىدى راسا. سىئون قىلغاچ كۆپ گۇناھ، پەرۋەردىگار ئازابتا قويدى ئۇنى، دۈشمەنلىرى ئەسىر ئېلىپ بالىلىرىنى، سۈرگۈن قىلدى ئۇلارنى.


قانۇن كۈچىنى يوقاتقان، ئادالەتمۇ يوقالغان. رەزىللەر ھەققانىيلارنى قورشىۋالغانلىقى ئۈچۈن، ناھەق ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ.


ئۇ چاغدا مەن يېرۇسالېمنى چىراغ بىلەن يورۇتۇپ، تەكشۈرۈپ چىقىمەن. گۇناھقا پېتىپ ئولتۇرغان بىپەرۋا گۇناھكارلارنى، يەنى ‹پەرۋەردىگار ياخشىلىقمۇ قىلمايدۇ، يامانلىقمۇ قىلمايدۇ› دېگۈچىلەرنى جازالايمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite