Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 9:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ھېلىقى زىغىر رەختتىن كىيىم كىيىپ، يېنىغا كاتىپلىق قوراللىرى ئېسىۋالغان ئادەم قايتىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارغا: _ مەن ئەمرنى بەجا كەلتۈردۈم، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 9:11
9 Referans Kwoze  

يەتتىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى ھاۋاغا تۆكتى. ئەرشتىكى ئىبادەتخانىنىڭ تەختىدىن كۆتۈرۈلگەن جاراڭلىق بىر ئاۋاز: «ئىش تامام!» دېدى.


بىرىنچى پەرىشتە بېرىپ چىنىدىكىنى قۇرۇقلۇققا تۆكتى. بۇنىڭ بىلەن، تېنىدە دىۋىنىڭ بەلگىسى بولغان ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنىڭ بەدىنىنى يىرگىنچلىك يىرىڭلىق يارىلار قاپلاپ كەتتى.


ئەي پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك پەرىشتىلىرى، سىلەردۇرسىلەر ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغۇچىلىرى، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى ئىجرا قىلغۇچىلىرى، شۇڭا تەرىپلەپ كۈيلەڭلار پەرۋەردىگارنى.


ئاندىن شىمالدىكى يۇقىرى دەرۋازىدىن ئالتە ئادەمنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆردۈم، قوللىرىدا ئەجەللىك قورال بار ئىدى. ئارىسىدىكى بىرسى زىغىر رەختتىن كىيىم كىيىپ، يېنىغا كاتىپلىق قوراللىرى ئېسىۋالغانىدى. ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدىكى تۇچ بىلەن قاپلانغان قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇشتى.


شۇڭا ھېچكىمنى ئاياپ قويمايمەن، ھېچكىمگە رەھىم قىلمايمەن. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا جازاسىنى بېرىمەن.


غايىبانە ئالامەتتە مەن كېرۇبلارنىڭ بېشى ئۈستىدىكى سۇپىدا كۆك ياقۇتتىن ياسالغان تەختكە ئوخشايدىغان بىر نەرسىنى كۆردۈم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite