8 ئۇ ماڭا: _ ئەي ئادەم بالىسى، سەن بۇ ھويلا تېمىنى تەش، _ دېدى. مەن تامنى تەشكەندىن كېيىن، بىر ئىشىكنى بايقىدىم.
ئۆزلىرىنىڭ پىلانىنى پەرۋەردىگاردىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆز ئىشلىرىنى قاراڭغۇدا يوشۇرۇنچە قىلىدۇ ۋە ئويلايدۇ: «بىزنى كىم كۆرىدۇ؟ بىزنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىمىزنى كىم بىلىدۇ؟»
رەزىللەر يوشۇرۇنغۇدەك قاراڭغۇلۇق ياكى يوشۇرۇن جاي تاپالمايدۇ.
كىيىم-كېچەكلىرىڭلار يوقسۇللار ۋە بىگۇناھلارنىڭ قېنىغا مىلەندى. لېكىن ئۇلار ئۆيلىرىڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىپ تۇتۇلۇپ قېلىنغان ئوغرى ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ،
مەن دەيمەنكى، ئەجەبا، ئادەملەر يوشۇرۇنۇۋالسا، مەن كۆرەلمەي قالارمەنمۇ؟ ئاسمان ۋە زېمىندا مەن يوق بىرەر جاي بارمۇ؟
ئۇ مېنى ھويلا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى، ھويلا تېمىدا بىر كامارنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم.
ئۇ ماڭا: _ سەن مۇشۇ ئىشىكتىن كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇ يەردە قانداق رەزىل ۋە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆر، _ دېدى.