Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 8:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئۇ ماڭا يەنە: _ ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئىسرائىللارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇلار بۇ يەردە ئاشۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىپ، مېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامدىن يىراقلىشىشىمغا سەۋەب بولدى. سەن يەنە تېخىمۇ يىرگىنچلىك بولغان ئىشلارنى كۆرىسەن، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 8:6
32 Referans Kwoze  

مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن يىرگىنچلىك بۇت ۋە رەزىل قىلمىشلىرىڭ بىلەن مېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامنى بۇلغىغانلىقىڭ ئۈچۈن، مەن سېنى ئاياپ قويمايمەن، ساڭا شاپائەت قىلمايمەن ھەم ئىچ ئاغرىتمايمەن.


مەن كېرۇبلارنىڭ قانىتىنى قېقىپ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، چاقلارنىڭمۇ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇلار ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدا توختىدى. ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئىدى.


ئۇ ماڭا: _ سەن مۇشۇ ئىشىكتىن كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇ يەردە قانداق رەزىل ۋە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆر، _ دېدى.


كېرۇبلار قاناتلىرىنى قېقىپ كۆتۈرۈلدى، چاقلارمۇ تەڭ كۆتۈرۈلدى. ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرى بار ئىدى.


ئۇ مېنى ئىبادەتخانىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىغا ئەكەلدى. ئۇ يەردە بىر قىسىم ئاياللارنىڭ تاممۇز ئىلاھىغا ھازا تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.


ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرىنى نامىمغا ئاتالغان ئىبادەتخانامغا ئېلىپ كىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇ يەرنى بۇلغىدى.


شۇڭا مەن بۇ ئىبادەتخانىنى خۇددى شىلو شەھىرىنى گۇمران قىلغاندەك گۇمران قىلىمەن. دۇنيادىكى ھەممە خەلقلەر بۇ شەھەرنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ قارغايدۇ.›»


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرقى پەيغەمبەر ۋە روھانىيلار ئىمانسىزدۇر. مەن ئۇلارنىڭ ھەتتا مېنىڭ ئىبادەتخانامدا رەزىللىك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خەلق كۆز ئالدىمدا رەزىل ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار يىرگىنچلىك بۇتلىرىنى نامىمغا ئاتالغان ئىبادەتخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇ يەرنى بۇلغىدى.


سەن ئۇلارنىڭ يەھۇدىيە شەھەرلىرىدە ۋە يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىدا نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟


يەھۇدىيە پادىشاھى يوشىيا دەۋرىدە پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىلىيەنىڭ قانچىلىك ساداقەتسىزلىكىنى كۆردۈڭمۇ؟ خۇددى ساداقەتسىز ئايالغا ئوخشاش، ئۇلار ئېگىز تاغلاردا ۋە بۈك-باراقسان دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا بۇت ئىلاھلارغا چوقۇندى.


تاس قالدىم مانا شەرمەندە بولۇشقا، يىغىلغان جامائەت ئالدىدا.


تەرك ئەتتى ئۇ يەنە شىلودىكى ماكانىنى، ئىنسانلار ئارىسىغا تىككەن چېدىرىنى.


پەرۋەردىگار كىشىلەرنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىنى ماڭا ئاشكارىلىدى. ئۇ ماڭا، ئۇلارنىڭ ماڭا سۇيىقەست قىلماقچى بولغانلىقىنى كۆرسەتتى.


ئۇ مېنى ھويلا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا ئاپاردى، ھويلا تېمىدا بىر كامارنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم.


شۇڭا ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «توۋا قىلىڭلار، بۇتلىرىڭلار ۋە يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىڭلاردىن يىراق تۇرۇڭلار.


نامرات ۋە موھتاجلارنى بوزەك قىلسا، ئوغرىلىق قىلسا، باشقىلار گۆرۈگە قويغان نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا، بۇتقا چوقۇنۇپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلسا،


ئۇ ئادەم ماڭا: _ ئەي ئادەم بالىسى، كۆرگەنلىرىڭنى ئېسىڭدە تۇت! _ دېدى ۋە مېنى دەريا قىرغىقىغا قايتۇرۇپ ئەكەلدى.


ئۇلار كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرى بىلەن كېلىپ، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇنماقچى بولۇشىدۇ، لېكىن ئۇلار مېنى تاپالمايدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنى تەرك ئەتتىم.


مۇنداق دېدى: _ ئەي لاۋىيلار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، ئۆزۈڭلارنى پاكلاڭلار! ئاندىن ئەجدادلىرىڭلارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ناپاك نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىپ، ئىبادەتخانىنىمۇ پاكلاڭلار.


ئۇ يەنە: _ ئۇلارنىڭ تېخى بۇنىڭدىنمۇ يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى كۆرىسەن، _ دېدى.


ئۇ ۋاقىتتا، پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئايرىلىپ، كېرۇبلارنىڭ ئۈستى تەرىپىدە توختىدى.


پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى كۆتۈرۈلۈپ، شەھەرنىڭ سىرتىدىكى شەرقىي تاغ ئۈستىدە توختىدى.


ئۇلار ئەمدى ئىبادەتخانامغا يانداشتۇرۇپ بۇتخانا سېلىپ، بۇتخانىسىنىڭ بوسۇغا ۋە دەرۋازىلىرى بىلەن مېنىڭ ئىبادەتخانامنىڭ بوسۇغا ۋە دەرۋازىلىرىنى قىستىمايدۇ. ئەسلى ئىبادەتخانام بىلەن ئۇلارنىڭ بۇتخانىسىنى بىرلا تام ئايرىپ تۇراتتى. ئۇلار مەن يىرگىنچلىك دەپ قارىغان، مۇقەددەس نامىمنى بۇلغايدىغان ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، غەزىپىم كېلىپ، ئۇلارنى يوقاتتىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite