Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 8:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 مەن ئۇ يەردە تۇيۇقسىز ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ نۇر مەن تۈزلەڭلىكتە كۆرگەن نۇر بىلەن ئوخشاش ئىدى.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 8:4
12 Referans Kwoze  

ئۇ ئاتىسى خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن پارلىغان نۇر، ئاتىسىنىڭ تەبىئىتىنىڭ ھەقىقىي ئوبرازىدۇر. ئۇ ئۆز سۆزىنىڭ قۇدرىتى بىلەن پۈتكۈل كائىناتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىدىن پاكلىنىش يولىنى ئېچىپ بەرگەندىن كېيىن، ئەرشتىكى خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى.


بىزلەردىكى چۈمپەردىلەر ئېلىۋېتىلگەچكە، رەببىمىزنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇنىڭ بىلەن، بىز رەببىمىزگە ئوخشاش بولۇشقا ئۆزگەرتىلىپ، بارا-بارا ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى تېخىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈۋاتىمىز. بۇ رەببىمىزدىن، يەنى مۇقەددەس روھتىندۇر.


شۇ ئەسنادا، ئالتۇندىن ياسالغان ئىككى كېرۇبنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغان ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانىدىكى جايىدىن كۆتۈرۈلۈپ، بوسۇغىغا كەلدى. پەرۋەردىگار زىغىر رەختتىن كىيىم كىيىپ، يېنىغا كاتىپلىق قوراللىرى ئېسىۋالغان ئادەمنى چاقىرىپ،


مەن ئۇ يەردە، يەنى قاپقاقنىڭ ئۈستىدە، ئىككى كېرۇبنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، سەن بىلەن ئۇچرىشىمەن ۋە ئىسرائىللارغا چۈشۈرىدىغان ئەمرلىرىمنى ساڭا يەتكۈزىمەن.


شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا زىدقىياغا مۇنداق دېدى: _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سەن بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا تەسلىم بولساڭ، ھايات قالىسەن ۋە بۇ شەھەرمۇ كۆيدۈرۈلمەيدۇ. سەن بىلەن پۈتۈن ئائىلەڭ ھايات قالىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite