Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 8:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 ئاندىن ئۇ مېنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىغا باشلاپ كىردى. ئىبادەتخانا ئالدىدا، يەنى تاشقىرىقى خانا بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىدا تەخمىنەن 25 ئادەم پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كەينىنى قىلىپ، كۈنچىقىش تەرەپكە يۈزلىنىپ، قۇياشقا سەجدە قىلىۋاتاتتى.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 8:16
29 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئالەمدىكى ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان قۇياش، ئاي، يۇلتۇز قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرىنى كۆرگەن ۋاقتىڭلاردا، ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ، ئۇلارغا سەجدە قىلىپ، چوقۇنماڭلار.


ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، يولۇمغا قايتىپ كېلىشنى خالىمىدى. گەرچە مەن قايتا-قايتا ئۇلارنى يېتەكلىگەن بولساممۇ، لېكىن ئۇلار دېگەنلىرىمگە قۇلاق سالمىدى ھەم قىلمىشلىرىدىن ساۋاق ئالمىدى.


ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلماي، باشقا نەرسىلەرنى ئىلاھ بىلىپ، قۇياش، ئاي ياكى يۇلتۇزلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلسا،


شۇ چاغدا روھ مېنى كۆتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىغا ئېلىپ باردى. مەن ئۇ يەردە 25 ئادەمنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خەلقنىڭ يېتەكچىلىرىدىن ئاززۇرنىڭ ئوغلى يائازانيا ۋە بىنايانىڭ ئوغلى پىلاتيامۇ بار ئىدى.


سىلەر ياغاچ بۇتلارغا: ‹سەن مېنىڭ ئاتام› دەيسىلەر، سىلەر تاش بۇتلارغا: ‹سەن ماڭا ھاياتلىق بەرگەن› دەيسىلەر. ماڭا ئېتىقاد قىلىشنىڭ ئورنىغا، مەندىن يۈز ئۆرۈيسىلەر. لېكىن قىيىنچىلىققا يولۇققان ۋاقتىڭلاردا ‹كېلىپ، بىزنى قۇتقۇزغىن!› دەپ، ماڭا يېلىنىسىلەر.


پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان روھانىيلار ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش ئېغىزى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىغا يىغىلسۇن. ئۇلار مۇنداق دەپ دۇئا قىلسۇن: «ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭنى ئايىغايسەن. ئۆز خەلقىڭنى يات ئەللەرنىڭ خورلۇقى ۋە مەسخىرىسىگە قالدۇرمىغايسەن. يات ئەللەرنىڭ: ‹قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى؟› دېگەن سۆزىگە قويمىغايسەن.»


ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنى كۆتۈرۈپ، ئىچكىرىكى ھويلىغا ئېلىپ كىردى. ئىبادەتخانا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا تولغانىدى.


روھانىي پاكلىنىش قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، ئىبادەتخانىنىڭ ئىشىكلىرىنىڭ كېشىكىگە، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىدىكى بۆلىكىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە ۋە ئىچكىرىكى ھويلا دەرۋازا ئىمارەتلىرىنىڭ ئىشىكىنىڭ كېشىكىگە سۈركەپ قويسۇن.


ئاندىن ئۇ ئادەم مېنى جەنۇبىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق ئىچكىرىكى ھويلىغا باشلاپ كىردى ۋە بۇ دەرۋازا ئىمارىتىنىمۇ ئۆلچىدى. بۇ دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئۆلچىمىمۇ باشقا دەرۋازا ئىمارەتلىرىنىڭ ئۆلچەملىرى بىلەن ئوخشاش ئىدى.


ئۇ كىرگەن ۋاقتىدا، كېرۇبلار ئىبادەتخانىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە بولۇپ، ئىچكىرىكى ھويلا بۇلۇتقا تولغانىدى.


بىز قىلىمىز دەپ قەسەم قىلغان ھەممە ئىشلارنى جەزمەن قىلىمىز. يەھۇدىيە شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا خۇددى ئەجدادلىرىمىز، پادىشاھلىرىمىز ۋە ئەمەلدارلىرىمىز بۇرۇن قىلغانغا ئوخشاش، ئۆزىمىزنىڭ ئىلاھى، يەنى «جەننەت خانىشى»غا چوقۇم قۇربانلىق كۆيدۈرىمىز ھەمدە ئۇنىڭغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنىمىز. چۈنكى شۇنداق قىلغان كۈنلەردە يېمەكلىكلىرىمىز مول بولۇپ، گۈللەندۇق ۋە ھېچقانداق بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرىمىدۇق.


ئەجدادلىرىمىز ساداقەتسىزلىك قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ۋاز كېچىپ، ئىبادەتخانىنى تەرك ئەتتى.


ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ قۇياشقا ئاتىغان ئات ھەيكەللىرىنى چىقىرىۋەتتى. ئات ھەيكەللەر ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ دەرۋازىسىغا يېقىن جايلاشقان ئەمەلدار ناتان-مەلەكنىڭ ئىش ئۆيىنىڭ يېنىغا قويۇلغانىدى. يوشىيا قۇياشقا ئاتالغان جەڭ ھارۋىلىرىنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتتى.


ئۇ ئىلگىرىكى يەھۇدىيە پادىشاھلىرى يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق قىلىشقا قويغان بۇتپەرەس روھانىيلارنى بىكار قىلدى. چۈنكى ئۇلار بائال، كۈن، ئاي، يۇلتۇز تۈركۈملىرى ۋە بارچە يۇلتۇزلارغا قۇربانلىق قىلغانىدى.


ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن مېنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىڭ ۋە ماڭا تەتۈر قارىغانلىقىڭ ئۈچۈن، سەن ئەمدى قىلغان بۇزۇقچىلىقىڭ ۋە ئىشقىۋازلىقىڭنىڭ جازاسىنى تارتىسەن.»


سۇلايمان تۇچ بىلەن قاپلاپ ياساتقان قۇربانلىق سۇپىسىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنىڭ يېغى پاتماي قالغانىدى. شۇڭا سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدىكى ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەرنى مۇقەددەس يەر قىلىپ بەلگىلەپ، ئۇلارنى شۇ يەردە كۆيدۈردى.


پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ئالدىدىكى تۇچ بىلەن قاپلاپ ياسالغان قۇربانلىق سۇپىسى ئەسلىدە يېڭى قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن ئىبادەتخانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، پادىشاھ ئاخاز ئۇنى يۆتكەپ، يېڭى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ شىمال تەرىپىگە قويدۇردى.


سەن «خەلق ماڭا ئىبادەت قىلسۇن» دەپ ئېيتقان بۇ ئىبادەتخانىغا كېچە-كۈندۈز نەزەر سالغايسەن. خىزمەتكارىڭنىڭ بۇ ئىبادەتخانىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ قىلغان دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن!


ئۇ ماڭا: _ ئەي ئادەم بالىسى، كۆردۈڭمۇ؟ سەن بۇنىڭدىنمۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى كۆرىسەن، _ دېدى.


ئۇلار بالىلىرىنى كۆيدۈرۈپ بۇتقا ئاتىغان كۈنى مېنىڭ ئىبادەتخانامغا كىرىپ، ئۇنى بۇلغىدى. بۇ ئۇلارنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامدا قىلغان ئىشلىرىدۇر.


ئۇ ئادەم مېنى دەرۋازا ئالدىغا باشلاپ كەلدى، بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىنىڭ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتى ئىدى. ئۇ پەلەمپەيدىن چىقىپ، كىرىش ئېغىزى ئالدىغا كەلدى ۋە كىرىش ئېغىزىنى ئۆلچىدى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3 مېتىر ئىدى.


ئۇلار ئەمدى ئىبادەتخانامغا يانداشتۇرۇپ بۇتخانا سېلىپ، بۇتخانىسىنىڭ بوسۇغا ۋە دەرۋازىلىرى بىلەن مېنىڭ ئىبادەتخانامنىڭ بوسۇغا ۋە دەرۋازىلىرىنى قىستىمايدۇ. ئەسلى ئىبادەتخانام بىلەن ئۇلارنىڭ بۇتخانىسىنى بىرلا تام ئايرىپ تۇراتتى. ئۇلار مەن يىرگىنچلىك دەپ قارىغان، مۇقەددەس نامىمنى بۇلغايدىغان ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، غەزىپىم كېلىپ، ئۇلارنى يوقاتتىم.


ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: _ ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىنىڭ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئىشىكى ھەپتىنىڭ ئالتە ئىش كۈنىدە تاقاق تۇرسۇن، پەقەت دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋە يېڭى ئاي چىققان كۈنلىرى ئوچۇق تۇرسۇن.


ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرىكى ۋە تاشقىرىقى ھويلىلىرىغا ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياساتتى.


بالىلار ئوتۇن يىغىۋاتىدۇ، ئاتىلىرى ئۇنىڭ بىلەن ئوتلارنى يېقىۋاتىدۇ. ئاياللار «جەننەت خانىشى» دەپ ئاتالغان ئايال ئىلاھقا ئاتاپ پېچىنە-پىرەنىكلەر پىشۇرۇش ئۈچۈن خېمىر يۇغۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار يەنە باشقا ئىلاھلارغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى سۇنۇۋاتىدۇ. ئۇلار ھەممە ئىشلارنى مېنى غەزەپلەندۈرۈش ئۈچۈن قىلدى.


سۆڭەكلىرى بۇرۇن ئۆزلىرى سۆيۈپ، چوقۇنۇپ، سەجدە قىلغان، يول كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىبادەت قىلغان قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار ئاستىدا چېچىلىپ ياتىدۇ. بۇلار ھەرگىزمۇ قايتا يىغىلىپ كۆمۈلمەيدۇ. ئۇلار خۇددى گەندىدەك تاشلىنىپ قالىدۇ.


خەلقىمگە زەنجىرلەر تەييارلانسۇن. بۇ زېمىن قاتىللىققا تولدى، شەھەرنى زوراۋانلىق قاپلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite