13 ئۇ يەنە: _ ئۇلارنىڭ تېخى بۇنىڭدىنمۇ يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى كۆرىسەن، _ دېدى.
ئۇ ماڭا يەنە: _ ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئىسرائىللارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇلار بۇ يەردە ئاشۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىپ، مېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامدىن يىراقلىشىشىمغا سەۋەب بولدى. سەن يەنە تېخىمۇ يىرگىنچلىك بولغان ئىشلارنى كۆرىسەن، _ دېدى.
ئۇ ماڭا: _ ئەي ئادەم بالىسى، كۆردۈڭمۇ؟ سەن بۇنىڭدىنمۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى كۆرىسەن، _ دېدى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ تىللىرى خۇددى ئوقيادەك ئەجەللىكتۇر. يالغانچىلىق ۋە سەمىمىيەتسىزلىك بۇ زېمىننى قاپلىغان. ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن يامان ئىش قىلىدۇ، مېنى تونۇمايدۇ.
رەزىل ۋە ساختىپەز كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى بۇرۇنقىدىنمۇ يامانلىشىپ، باشقىلارنى ئالداش بىلەن بىللە ئۆزلىرىمۇ ئالدىنىپ كېتىدۇ.
ئۇ يەنە ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ بۇتلىرى بىلەن يوشۇرۇنچە نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇلار: «بىزنى پەرۋەردىگار كۆرمەيدۇ، پەرۋەردىگار زېمىنىمىزدىن ئاللىقاچان ۋاز كەچتى» دەپ ئويلايدۇ.
ئۇ مېنى ئىبادەتخانىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىغا ئەكەلدى. ئۇ يەردە بىر قىسىم ئاياللارنىڭ تاممۇز ئىلاھىغا ھازا تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.