Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 8:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 ئۇ يەنە ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ بۇتلىرى بىلەن يوشۇرۇنچە نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇلار: «بىزنى پەرۋەردىگار كۆرمەيدۇ، پەرۋەردىگار زېمىنىمىزدىن ئاللىقاچان ۋاز كەچتى» دەپ ئويلايدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 8:12
21 Referans Kwoze  

ئۆزلىرىنىڭ پىلانىنى پەرۋەردىگاردىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئۆز ئىشلىرىنى قاراڭغۇدا يوشۇرۇنچە قىلىدۇ ۋە ئويلايدۇ: «بىزنى كىم كۆرىدۇ؟ بىزنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىمىزنى كىم بىلىدۇ؟»


ئۇ جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىلىيە ۋە يەھۇدىيە خەلقىنىڭ گۇناھلىرى چېكىگە يەتتى. پۈتۈن زېمىن قانغا بويالدى ۋە يېرۇسالېممۇ ئادالەتسىزلىككە تولدى. ئۇلار: «پەرۋەردىگار بۇ زېمىندىن ۋاز كەچتى، بىزنى كۆرمەيدۇ» دېيىشىدۇ.


ئۇ ماڭا: _ ئەي ئادەم بالىسى، كۆردۈڭمۇ؟ سەن بۇنىڭدىنمۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنى كۆرىسەن، _ دېدى.


ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن قىلغان شۇملۇقلىرىنى تىلغا ئېلىشمۇ نومۇستۇر.


دەر يامانلار كۆڭۈللىرىدە: «ئۇنتۇپ قالدى خۇدا بىزنى، نەزەر سالمايدۇ ھەرگىز بىزگە، يۇمۇۋالغاندۇر كۆزلىرىنى.»


سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 7-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى بىرقانچە ئىسرائىل ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگاردىن مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن ئالدىمغا كېلىپ ئولتۇردى.


بىر كۈنى ئىسرائىللارنىڭ بىرقانچە ئاقساقاللىرى يېنىمغا كېلىپ، ئالدىمدا ئولتۇردى.


ئۇ يەنە ماڭا: _ ئەي ئادەم بالىسى، كۆردۈڭمۇ؟ يەھۇدىيە خەلقىنىڭ بۇ يىرگىنچلىك ئىشلىرى كىچىك ئىشمۇ؟ ئۇلار پۈتۈن زېمىندا زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىپ، غەزىپىمنى تېخىمۇ قوزغىدى. ئۇلار مېنى مەنسىتمەي، قوللىرىدا شاخ تۇتۇپ، بۇتقا چوقۇندى.


بۇتلارنىڭ ئالدىدا ئىسرائىللارنىڭ يەتمىش نەپەر ئاقساقىلى تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شافاننىڭ ئوغلى يائازانيامۇ بار ئىدى. ئۇلار قوللىرىغا ئىسرىقدان ئېلىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن خۇشبۇي ئىس ئۆرلەپ تۇراتتى.


دەر رەزىللەر: «ئۇلۇغ خۇدا ھەممىنى بىلەرمۇ؟ بىلسە ئۇ قانداق بىلەر؟»


ئەخمەقلەر كۆڭۈللىرىدە دېيىشەر «يوقتۇر خۇدا». يىرگىنچلىك، رەزىل بولۇپ قىلمىشلىرى، ماڭمىغاندۇر ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ توغرا يولدا.


سەن ئۆزۈڭنىڭ رەزىللىكىڭگە تايىنىپ، ‹قىلغان يامان ئىشلىرىمنى ھېچكىم كۆرمەيدۇ› دەپ ئويلايسەن. سېنىڭ دانالىقىڭ، بىلىمىڭ سېنى يولدىن ئازدۇردى. سەن ئۆزۈڭچە: ‹دۇنيادا پەقەت مەن بىرلا، مەندىن ئۈستۈن تۇرىدىغان باشقا بىرسى يوق› دەپ ئويلايسەن.


ئۇ يەنە: _ ئۇلارنىڭ تېخى بۇنىڭدىنمۇ يىرگىنچلىك ئىشلىرىنى كۆرىسەن، _ دېدى.


ئۇ چاغدا مەن يېرۇسالېمنى چىراغ بىلەن يورۇتۇپ، تەكشۈرۈپ چىقىمەن. گۇناھقا پېتىپ ئولتۇرغان بىپەرۋا گۇناھكارلارنى، يەنى ‹پەرۋەردىگار ياخشىلىقمۇ قىلمايدۇ، يامانلىقمۇ قىلمايدۇ› دېگۈچىلەرنى جازالايمەن.


«ئويما ۋە قۇيما بۇت ياساپ، مەخپىي جايغا تىكلىگەنلەر قارغىشقا قالىدۇ! بۇتلارنى ھۈنەرۋەنلەر ياسايدۇ، بۇلاردىن پەرۋەردىگار يىرگىنىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.


ئىسرائىلىيەلىكلەر پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇدانىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولمىغان ئىشلارنى مەخپىي ھالدا قىلىپ كەلگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلار يېزىلاردىن تارتىپ تاكى مۇستەھكەم شەھەرلەرگىچە بولغان ھەممە يەرلەردە ئۆزلىرى ئۈچۈن غەيرىي سەجدىگاھلارنى سېلىشقانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite