10 مەن كىرىپ كۆردۈمكى، ئەتراپتىكى تاملارنىڭ ھەممىسىگە ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار ۋە باشقا يىرگىنچلىك ھايۋانلار بىلەن ئىسرائىللار چوقۇنىدىغان بۇتلارنىڭ شەكىللىرى ئويۇلۇپتۇ.
ئۇلار مەڭگۈ ھايات بولغان شانۇشەۋكەتلىك خۇداغا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئادەمزاتقا، قۇشلارغا، تۆت پۇتلۇق ۋە يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلارغا ئوخشايدىغان بۇتلارغا چوقۇندى.
ئاسمان، زېمىن ۋە سۇدىكى ھەرقانداق نەرسىلەرنىڭ شەكلىدە بۇت ياسىماڭلار.
مەن ئۇلارنى ئۆز رەزىللىكلىرى ۋە گۇناھلىرى ئۈچۈن بىر ھەسسە ئارتۇق جازالايمەن. چۈنكى ئۇلار ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان جانسىز بۇتلىرى بىلەن مېنىڭ زېمىنىمنى بۇلغىدى. ئۇلار ماڭا تەئەللۇق بولغان بۇ زېمىننى ئۆزلىرىنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرى بىلەن تولدۇردى.
ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغان ساداقەتسىزلىكىگە سەل قاراپ، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارغا چوقۇنۇپ، زېمىننى بۇلغىدى.
خۇدا مەنئى قىلغان ھەرقانداق نەرسىلەرنى يېمەڭلار.
يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋان ياكى بېلىققا ئوخشىتىپ، ئۇلارنىڭ شەكلىدە بۇت ياسىماڭلار.
ياغاچچى ياغاچنى ئۆلچەپ، نەدىن كېسىش كېرەكلىكىنى بەلگىلەيدۇ. ئاندىن ئۇ ئىسكىنە ۋە باشقا ئەسۋابلارنى ئىشلىتىپ ئادەمنىڭ شەكلىنى ياساپ چىقىدۇ. ئۇ ئۇنى ناھايىتى چىرايلىق بېزەپ، بۇتخانىغا قويۇپ قويىدۇ.
مەن خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى قايتا-قايتا ئەۋەتىپ، خەلقىمگە مەن نەپرەتلىنىدىغان بۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلماسلىقنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقانىدىم.
_ سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار، پادىشاھلىرىڭلار ۋە ئەمەلدارلىرىڭلار، شۇنداقلا بۇ زېمىندىكى باشقا كىشىلەرنىڭ يەھۇدىيە شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا بۇت ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرگەنلىكىنى خۇدا بىلمەيدۇ ياكى ئۇنتۇپ قالدى، دەپ ئويلامسىلەر؟!
ئۇ ماڭا: _ سەن مۇشۇ ئىشىكتىن كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۇ يەردە قانداق رەزىل ۋە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆر، _ دېدى.
بۇتلارنىڭ ئالدىدا ئىسرائىللارنىڭ يەتمىش نەپەر ئاقساقىلى تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شافاننىڭ ئوغلى يائازانيامۇ بار ئىدى. ئۇلار قوللىرىغا ئىسرىقدان ئېلىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن خۇشبۇي ئىس ئۆرلەپ تۇراتتى.
شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر. چۈنكى سىلەر مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلماستىن، ئەكسىچە ئەتراپىڭلاردىكى قوشنا ئەللەرنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئەگەشتىڭلار.»
ئۇ بۇزۇقچىلىققا تېخىمۇ بېرىلىپ كەتكەنىدى. ئۇ بىر كۈنى تامدىكى قىزىل رەڭدە نەقىشلەنگەن بابىللىق يىگىتلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ قالدى.
سىلەر ئۆزۈڭلارنى بۇلغاپ، بۇت ياسىماڭلار. خۇدانى بىرەر ئەرگە، ئايالغا،
ھوشيار بولۇڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئۇنتۇماڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھەر خىل نەرسىنىڭ سىياقىدا بۇت ياسىماڭلار.
كەلگۈسىدە سىلەر ئۇ يەرگە ئورۇنلىشىپ، نەۋرە-چەۋرىلىك بولغىنىڭلاردا، ھەر خىل بۇتلارنى ياساپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۇنى غەزەپلەندۈرمەڭلار.