Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 7:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 ئۇلارنىڭ ۋاقىت-سائىتى توشتى، ئاپەت كۈنى كەلدى. سېتىۋالغۇچىلار خۇشال بولمىسۇن، ساتقۇچىلارمۇ ئۆكۈنمىسۇن، چۈنكى مېنىڭ غەزىپىم پۈتۈن خەلقىمنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 7:12
17 Referans Kwoze  

قاراڭلار، ئاپەت كۈنى كەلدى، سىلەرنىڭ تۈگىشىدىغان ۋاقتىڭلار كەلدى! زوراۋانلىق ۋە مەغرۇرلۇق چېچەكلىمەكتە.


خېرىدار باھا تالىشىپ «مال ناچار!» دەپ زارلىنار، نېرىراققا بېرىپ «ئېسىل نەرسە ئالدىم» دەپ ماختىنار.


پەرۋەردىگارنىڭ چوڭ سوراق كۈنىنىڭ كېلىشىگە ئاز قالدى، ئاز قالدى، ئۇ كۈن ناھايىتى تېزلا كېلىدۇ! ئۇ كۈلپەتلىك بىر كۈندۇر! ئۇ چاغدا ئەڭ باتۇر ئەزىمەتمۇ پەرياد قىلىدۇ!


قاراۋۇل جاۋاب بېرىدۇ: «تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، ئارقىدىن كېچە بولىدۇ. ئەگەر يەنە سورىماقچى بولساڭ، قايتىپ كېلىپ، ئاندىن سورا.»


شۇڭا مەن دەيمەنكى، مەن غەزەپ-نەپرىتىمنى بۇ زېمىنغا، يەنى بۇ زېمىندىكى ئىنسانلار، ھايۋاناتلار، شۇنداقلا دەل-دەرەخلەر ۋە زىرائەتلەرگە ياغدۇرىمەن. غەزەپ-نەپرىتىم ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان ئوتتەك يالقۇنلايدۇ.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، بۇ ماقالنى ئىسرائىللارنىڭ ئېغىزىدىن يوق قىلىمەن، ئۇلار ئۇنى ئىسرائىلىيەدە ئىككىنچى تىلغا ئالمايدىغان بولىدۇ. سەن ئۇلارغا ئېيت، ھەممە بېشارەتلەر ئەمەلگە ئاشىدىغان كۈنلەرگە ئاز قالدى.


ئۇ كۈنگە ئاز قالدى، مەن پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى كېلىشكە ئاز قالدى. ئۇ كۈن ھاۋانى قارا بۇلۇت قاپلايدىغان، ئەللەر جازالىنىدىغان كۈندۇر.


پەرۋەردىگارنىڭ سوراق كۈنىنىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئاز قالدى، ئۇ كۈن شۇنچە دەھشەتلىكتۇر! ئۇ ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان كۈنىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite