ئەزەكىئەل 6:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى8 لېكىن مەن خەلقىمنىڭ بىر قىسمىنى ھايات قالدۇرىمەن. ئۇلار قىلىچتىن ئامان قېلىپ، يات ئەللەردە ناتونۇش خەلقلەر ئارىسىدا ياشايدۇ. Gade chapit la |
ئى خىزمەتكارلىرىم بولغان ياقۇپ ئەۋلادلىرى، مەن پەرۋەردىگار ئېيتىمەنكى، قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەرگە يار بولىمەن. گەرچە مەن سىلەرنى تارقىتىۋەتكەن يەرلەردىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋەيران قىلساممۇ، ئەمما سىلەرنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلمايمەن. مەن سىلەرنى جازالايمەن، لېكىن ئادىللىق بىلەن بولىدۇ، سىلەرنى ھەرگىز جازاسىز قويمايمەن.»