Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 6:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 خەلقىم ياشايدىغان شەھەرلەر ۋە غەيرىي سەجدىگاھلار خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، قۇربانلىق سۇپىلىرى چۇۋۇۋېتىلىدۇ، بۇتلىرى بۇزۇۋېتىلىدۇ ۋە ئىسرىقدانلىرى چېقىپ تاشلىنىدۇ، يەنى خەلقىم ياسىغان ھەممە نەرسە ۋەيران قىلىنىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 6:6
38 Referans Kwoze  

قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن بۇ زېمىندىن بۇتلارنى يوقىتىمەن. ئۇلارنىڭ نامى ئۇنتۇلىدۇ. مەن يەنە ساختا پەيغەمبەرلەرنى ۋە خەلقنىڭ ناپاكلىققا ئىنتىلىش روھىنى بۇ زېمىندىن يوقىتىمەن.


سامارىيەنىڭ بارلىق بۇتلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىمەن. ئۇنىڭ بۇتلىرىغا سۇنغان پۈتكۈل ھەدىيەلىرى كۆيدۈرۈلىدۇ. مەن ئۇنىڭ بارلىق بۇتلىرىنى ۋەيران قىلىمەن. ئۇنىڭ بۇتخانىدا پاھىشىلىك قىلىپ توپلىغان ھارام بايلىقلىرى باشقا ئەلدىكى بۇتپەرەسلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.»


ئەتراپىڭدىكى خەلقلەر ۋە يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر كۆز ئالدىدىكى خارابىلىكنى كۆرۈپ، سېنى مازاق قىلىشىدۇ.


كېيىن مەن: _ ئى ئىگەم، بۇ قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم. ئىگەم جاۋابەن مۇنداق دېدى: «بۇ تاكى شەھەرلەر ئادەمزاتسىز خارابىلىككە ئايلانغۇچە، ئۆيلەر چۆلدەرەپ، ۋەيران بولغان زېمىنلار قاقاسلىققا ئايلانغۇچە،


قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزۇۋېتىمەن، ئىسرىقدانلارنى چېقىۋېتىمەن! مەن سىلەردە ياشايدىغان خەلقنى بۇتلىرى ئالدىدا ھالاك قىلىمەن.


مەن سىلەرنىڭ غەيرىي سەجدىگاھلىرىڭلارنى، ئىسرىقدانلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىپ، جەسىتىڭلارنى جانسىز بۇتلارنىڭ ئۈستىگە دۆۋىلەپ قويىمەن. مەن سىلەردىن سەسكىنىمەن.


پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كەلگەن كۈنى ئالتۇن-كۈمۈشلىرىمۇ ئۇلارنى قۇتقۇزالمايدۇ. ئۇنىڭ غەزەپ ئوتى پۈتۈن زېمىننى كۆيدۈرۈپ، يەر يۈزىدىكى ھەممە ئىنسانلارنى دەھشەتلىك ھالدا ھالاك قىلىدۇ.


بۇتنىڭ قولىدىن نېمە ئىش كەلسۇن؟ ئۇنى ئادەم ئويۇپ چىققانغۇ! قۇيما بۇت يالغانچىلىقنىڭ مەنبەسىدۇر. ئۆزى ياسىۋالغان، گەپ قىلالمايدىغان بۇتقا چوقۇنۇش نېمىدېگەن ئەخمەقلىق-ھە!


بۇتلىرىڭلارنى ۋە بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىڭلارنى يوقىتىمەن. سىلەر ئەمدى ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىغان نەرسىلەرگە چوقۇنمايسىلەر.


شۇڭا سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن سىئون تېغى خۇددى ئېتىزلاردەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، ئىبادەتخانا جايلاشقان تاغنى چاتقاللار قاپلايدۇ.


ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ گۇناھ سادىر قىلغان سەجدىگاھلىرى ۋەيران قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى تىكەن ۋە ئازغان بېسىپ كېتىدۇ. ئىسرائىلىيەلىكلەر تاغلارغا: «بىزنى بېسىڭلار!»، ئېدىرلارغا: «ئۈستىمىزگە غۇلاڭلار» دەپ ئۆتۈنىدۇ.


ئۇلارنىڭ كۆڭلى ھىيلىگە تولغاندۇر، ئەمدى ئۇلار جازالىنىشى كېرەك. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بۇتلىرى ئۈچۈن ياسىغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ، بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىنىمۇ چېقىپ تاشلايدۇ.


مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ‹بۇتلارنى يوقىتىمەن، نوپ شەھىرىنىڭ بۇتلىرىنى ۋەيران قىلىمەن، مىسىردا ئەمدى ھۆكۈمران بولمايدۇ، مىسىرنى ۋەھىمىگە سالىمەن.


مەن سېنى ئاشنىلىرىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇلار قۇربانلىق سۇپىلىرىڭنى چاقىدۇ، ئېگىز سېلىنغان بۇتخانىلىرىڭنى تۈزلىۋېتىدۇ، كىيىملىرىڭنى سالدۇرۇپ، ئېسىل گۆھەرلىرىڭنى بۇلاپ كېتىدۇ، سەن يالىڭاچ قالىسەن.


مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، بابىل قوشۇنلىرىنى بۇ شەھەرگە قايتىدىن چاقىرىپ كېلىمەن. ئۇلار بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ، شەھەرنى بېسىۋېلىپ، كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. مەن يەھۇدىيەنىڭ شەھەرلىرىنى ئادەمزاتسىز خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىمەن.»


زېمىنىڭلارنىڭ ھەممە يېرى گۇناھقا تولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ زېمىندىكى مۇقەددەس تېغىم بىلەن بارلىق بايلىقىڭلار ۋە مال-مۈلكىڭلارنى دۈشمەنلىرىڭلارغا ئولجا قىلىپ تاپشۇرۇپ بېرىمەن.


ئاڭلاڭلار! شەپە كېلىۋاتىدۇ. شىمالدىكى زېمىندىن كۈچلۈك بىر قوشۇننىڭ يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار كېلىپ يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ. بۇ زېمىنلار پەقەتلا چىلبۆرىلەرنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.»


يېرۇسالېم خەلقىنىڭ ئۈمىدسىزلىنىپ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاڭلار: ‹بىز پۈتۈنلەي گۇمران بولۇپ، نومۇستا قالدۇق! ئۆيلىرىمىز بۇزۇۋېتىلگەچكە، ئۆز زېمىنىمىزدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇق!›»


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يېرۇسالېمنى بىر خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن، ئۇ يەرنى چىلبۆرىلەر ماكان قىلىدۇ. مەن يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىمەن، ھېچكىم ئۇ يەرلەردە ياشىيالمايدۇ.»


سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلار شىردەك ھۆركىرەيدۇ، ئۇلار غەلىبە قىلىپ تەنتەنە قىلىشتى. ئۇلار زېمىنىڭلارنى ۋەيران قىلدى. شەھەرلىرىڭلار كۆيدۈرۈلۈپ، ھېچكىم ھايات قالمىدى.


شەھەرلىرىڭ باياۋانغا ئايلاندى، سىئون چۆللەشتى، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلاندى.


لېكىن مۇشۇ يول بىلەن پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ. ئۇلار يات دىنلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ تاشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ، ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ياسالغان ياغاچ تۈۋرۈكنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈجە كۆيدۈرىدىغان سۇپىلىرىنى يوقىتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىنكى نەتىجە بولىدۇ.


ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ئىنسانلار چوقۇنۇش ئۈچۈن ئۆزلىرى ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسىۋالغان بۇتلارنى، غارلاردىكى چاشقان ۋە شەپەرەڭلەرگە تاشلاپ بېرىدۇ.


بۇتلار پۈتۈنلەي يوقىتىلىدۇ.


كۈچلۈكلەر قۇرۇق چۆپكە ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۇچقۇنغا ئوخشايدۇ، ئۇلار قىلغان ئىشلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆيۈپ كېتىدۇ، ھېچكىم بۇ ئوتنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.


بۇتلارنى ياسىغانلار ۋە ئۇلارغا ئۈمىد باغلىغانلار، ئۆزلىرى ئاخىرى بۇتلىرىغا ئوخشاپ قالار.


شەھەرلىرىڭلارنى خارابىلىككە، ئىبادەتگاھىڭلارنى چۆللۈككە ئايلاندۇرىمەن. سىلەرنىڭ خۇش پۇراقلىق ھەدىيەڭلارنى قوبۇل قىلمايمەن.


ئىككىنچى كۈنى سەھەردە ئۇلار يەنە داگوننىڭ ئوخشاشلا پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يەردە يۈزىچىلاپ ياتقانلىقىنى كۆردى. بىراق بۇ قېتىم داگوننىڭ بېشى بىلەن ئىككى قولى سۇنغان بولۇپ، بوسۇغىدا تۇراتتى، پەقەت گەۋدىسىلا پۈتۈن قالغانىدى.


ھەممە يەرنى ئۆلۈك قاپلايدۇ. شۇندىلا خەلقىم مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ.


ئاندىن سەن بابىلدا تۇرۇۋاتقان كىشىلەرگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار يېرۇسالېم ۋە ئىسرائىلىيە خەلقى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئۇلار تاماقلىرىنى دەككە-دۈككىدە يەيدۇ، سۇلىرىنى ھودۇقۇپ تۇرۇپ ئىچىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنى ئۆزلىرىنىڭ زوراۋانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئادەمزاتسىز چۆلگە ئايلىنىدۇ.


شەھەرلىرىڭنى خارابىلىككە، سېنى بىر پارچە قاقاس يەرگە ئايلاندۇرىمەن. شۇندىلا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن.


ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ھەربىر ئېگىزلىكتە ۋە ھەربىر بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخ ئاستىلىرىدا بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەر ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىغا ئاتاپ سەجدىگاھلارنى ياساپ چىقتى.


مەن مۇنداق دېدىم: «تاغلار ئۈچۈن نالە قىلىپ ياش تۆكىمەن. مەن كەڭ كەتكەن يايلاقلار ئۈچۈن ماتەم تۇتىمەن. ئۇلار ۋەيران بولغانلىقىدىن ھېچكىم ئۇ يەرلەردىن ئۆتمەيدۇ. كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى ئاڭلانمايدۇ. ھەتتا ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان قۇشلار ۋە دالالاردىكى ياۋايى ھايۋانلارمۇ قېچىپ كېتىدۇ.»


بۇ بۇتلار ئەرزىمەستۇر، ئۇلار مەسخىرىگە لايىقتۇر. ئۇلارنىڭ ۋەيران بولىدىغان ۋاقىت-سائىتى باردۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite