Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 6:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ۋە ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئېيت: «ئەي ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى، ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار. ئەي تاغلار، ئېدىرلار، جىرالار ۋە جىلغىلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن سىلەرگە قارشى قىلىچ ئەۋەتىمەن. سىلەردىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى ۋەيران قىلىمەن.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 6:3
14 Referans Kwoze  

مەن سىلەرنىڭ غەيرىي سەجدىگاھلىرىڭلارنى، ئىسرىقدانلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىپ، جەسىتىڭلارنى جانسىز بۇتلارنىڭ ئۈستىگە دۆۋىلەپ قويىمەن. مەن سىلەردىن سەسكىنىمەن.


ئەي تاغلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئەيىبلىشىنى ئاڭلاڭلار! ئەي زېمىننىڭ مەڭگۈلۈك ئۇللىرى، قۇلاق سېلىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ ئۈستىدىن دەۋا ئېچىۋاتىدۇ، ئىسرائىللارنى ئەيىبلەۋاتىدۇ.


ئەي ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى، سىلەردە ئەمدى دەرەخلەر كۆكلەپ، خەلقىم ئۈچۈن مېۋە بېرىدۇ، چۈنكى ئۇلار پات ئارىدا قايتىپ كېلىدۇ.


ئەي يەھۇدىيە زېمىنى، يەھۇدىيە زېمىنى، يەھۇدىيە زېمىنى! پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سال.


تاغلاردا يالغان بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇشلىرىمىزنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتۇق. ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، پەقەت سەنلا خەلقىمىزنى قۇتقۇزالايسەن.


يەھۇدىيە پادىشاھى يوشىيا دەۋرىدە پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئىسرائىلىيەنىڭ قانچىلىك ساداقەتسىزلىكىنى كۆردۈڭمۇ؟ خۇددى ساداقەتسىز ئايالغا ئوخشاش، ئۇلار ئېگىز تاغلاردا ۋە بۈك-باراقسان دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا بۇت ئىلاھلارغا چوقۇندى.


ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ھۆكۈمرانلىقىمدىن يۈز ئۆرۈپ، مەن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. سىلەر: ‹ساڭا ئېتىقاد قىلمايمىز› دېدىڭلار. سىلەر ئېگىز تاغلاردا ۋە بۈك-باراقسان دەرەخلەرنىڭ ئاستىدا خۇددى پاھىشە ئايالغا ئوخشاش ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، بۇتلارغا سەجدە قىلدىڭلار.


لېكىن مۇشۇ يول بىلەن پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ. ئۇلار يات دىنلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ تاشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ، ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ياسالغان ياغاچ تۈۋرۈكنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈجە كۆيدۈرىدىغان سۇپىلىرىنى يوقىتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىنكى نەتىجە بولىدۇ.


سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلار قىرىلىپ، شەھەر مۇنارلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن شۇ كۈنى، ھەربىر چوقا ۋە تاغلاردىن سۈپسۈزۈك ئېرىق-ئېرىق سۇلار ئېقىپ كېلىدۇ.


سىلەر ئەھدىنى بۇزغىنىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئۇرۇش بىلەن قىساس ئالىمەن. شەھەرلىرىڭلارغا قېچىپ كىرىپ پاناھلانساڭلارمۇ، ئاراڭلارغا ۋابا ئەۋەتىمەن. سىلەر دۈشمەن قولىغا چۈشىسىلەر.


ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ھەربىر ئېگىزلىكتە ۋە ھەربىر بۈك-باراقسان ئۆسكەن دەرەخ ئاستىلىرىدا بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەر ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىغا ئاتاپ سەجدىگاھلارنى ياساپ چىقتى.


ئىسھاقنىڭ ئەۋلادلىرى چوقۇنىدىغان غەيرىي سەجدىگاھلار ۋەيران قىلىنىدۇ، ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ چوقۇنىدىغان جايلىرى خاراب بولىدۇ. مەن قىلىچ بىلەن ياروبئامنىڭ خانىدانلىقىنى يوقىتىمەن، _ دېدى.


ئەي ئىسرائىللار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، تاغلارغا بېرىپ، ئۆزۈڭلارنى ئاقلاڭلار. ئەرزىڭلارنى ئېدىرلار ئاڭلىسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite