ئەزەكىئەل 5:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى6 لېكىن يېرۇسالېم رەزىللىك قىلىپ، قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە قوشنا ئەللەردىن بەكرەك خىلاپلىق قىلدى. ئۇ مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىشنى رەت قىلدى. Gade chapit la |
بۇ خەتنى چوقۇم يېزىشىم كېرەك، چۈنكى خۇدا يولىدا ماڭمىغان بەزى كىشىلەر ئاراڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلىۋەرسەكمۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن كەچۈرۈلىمىز، دېگەندەك تەلىملەرنى بېرىپ، بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە رەببىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنى رەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ سوراققا تارتىلىشى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا بۇرۇنلا پۈتۈلگەن.
ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ سەمىمىيەت ئىزدەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. سەن بۇ كىشىلەرنى جازالىغان بولساڭمۇ، ئۇلار سۆزلىرىڭگە ئېتىبار قىلمىدى. ھەتتا سەن ئۇلارنى ۋەيران قىلىۋېتىشكە ئازلا قالغان چاغدىمۇ، ئۇلار خاتالىقىنى تۈزىتىشنى خالىمىدى. ئۇلار قەلبلىرىنى خۇددى تاشتەك قاتتىق قىلدى. ئۇلار توۋا قىلىشنى خالىمىدى.