Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 5:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 شەھەرنى قورشاش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، چېچىڭنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى كېسەككە ئويۇلغان شەھەردە كۆيدۈر. ئىككىنچى ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئويۇلغان شەھەرنىڭ سىرتىدا خەنجەر بىلەن توغرا. ئۈچىنچى ئۈچتىن بىر قىسمىنى شامالدا ئۇچۇرۇۋەت. چۈنكى مەن قىلىچىمنى سۇغۇرۇپ، خەلقىمنى كەينىدىن قوغلايمەن.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 5:2
19 Referans Kwoze  

سەندىكى خەلقنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ۋابا ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلتۈرىمەن، ئىككىنچى ئۈچتىن بىر قىسمىنى شەھەر سىرتىدا قىلىچ ئاستىدا ھالاك قىلىمەن، قالغان ئۈچتىن بىر قىسمىنى ھەر يەرگە چېچىۋېتىمەن ھەم قىلىچىمنى كۆتۈرۈپ ئارقىسىدىن قوغلايمەن.


مەن قىلىچىمنى يالىڭاچلاپ، ئارقاڭلاردىن قوغلايمەن، سىلەرنى باشقا ئەللەرگە چېچىۋېتىمەن. زېمىنىڭلار چۆللۈككە، شەھەرلىرىڭلار خارابىلىككە ئايلىنىدۇ.


مەن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە بارلىق لەشكەرلىرىنى تۆت ئەتراپقا چېچىۋېتىمەن ھەم قىلىچىمنى چىقىرىپ، ئۇلارنى قوغلايمەن.


ئەگەر ئۇلار سەندىن نەگە كېتىشلىرى كېرەكلىكىنى سورىسا، ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «كېسەل بىلەن ئۆلۈشكە بۇيرۇلغانلار كېسەل تارتىپ ئۆلىدۇ! ئۇرۇشتا ئۆلۈشكە بۇيرۇلغانلار ئۇرۇشتا ئۆلىدۇ! ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈشكە بۇيرۇلغانلار ئاچارچىلىقتىن ئۆلىدۇ! سۈرگۈن بولۇشقا بۇيرۇلغانلار سۈرگۈن بولىدۇ!»


مەن ئۇلارنى ھەتتا ئاتا-بوۋىلىرىمۇ بىلمەيدىغان ئەللەر ئارىسىغا چېچىۋېتىپ، تاكى ئۇلار ھالاك بولغۇچە دۈشمەنلەرنى ئەۋەتىپ قوغلىتىمەن.›»


«پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹بۇ شەھەردە قالغانلار ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ياكى كېسەللىك بىلەن ئۆلىدۇ. بۇ شەھەردىن ئايرىلىپ، بابىللىقلارغا تەسلىم بولغانلار ھايات قالىدۇ. ئۇلار جېنىنى جەڭدىن ساقلاپ قالىدۇ.›


مەن ئۇلارغا ۋە ئەجدادلىرىغا بەرگەن زېمىندا تاكى ئۇلار تەلتۆكۈس يوقىتىلغۇچە، ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەرنى ئېلىپ كېلىمەن.»


پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە مۇنداق دېدى: «مانا بۇ، سىلەرنى قۇملۇقتىكى شامال پاخالنى چېچىۋەتكەندەك چېچىۋېتىشىمنىڭ سەۋەبىدۇر.


پادىشاھ زىدقىيانىڭ يەھۇدىيە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 9-يىلى 10-ئايدا بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۆزىنىڭ پۈتۈن قوشۇنلىرى بىلەن يېرۇسالېمنى قورشاپ، ھۇجۇم قىلدى.


پادىشاھ زىدقىيا ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 11-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى قوشۇنلار شەھەر سېپىللىرىنى بۇزۇپ كىردى.


لېكىن ئۈچىنچى قىسمىدىن بىرئاز قالدۇرۇپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىرقانچە تېلىنى چاپىنىڭنىڭ پېشىگە تۈگۈۋال.


ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرىنى، بالىلار ئۆز ئاتا-ئانىلىرىنى يەيدۇ. مەن سېنى جازالايمەن. بارلىق ھايات قالغانلارنى ھەر يەرگە چېچىۋېتىمەن.


ئۇنىڭ بارلىق خىل لەشكەرلىرى قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ. قالغانلىرى تۆت ئەتراپقا قېچىپ كېتىدۇ. شۇندىلا سىلەر بۇ سۆزلەرنى ئېيتقۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.


مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، بۇ زېمىندىكى ئادەملەرنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى يوقىلىدۇ، پەقەت ئۈچتىن بىرى تىرىك قالىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەن: ‹كۆرۈپ تۇرۇڭلاركى، بۇ خەلققە ئەمەندەك بەتتەم تائام يېگۈزىمەن ۋە زەھەرلىك سۇ ئىچكۈزىمەن.


ئۇلارنى دۈشمەنلىرى سۈرگۈن قىلسا، شۇ يەردە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە قىلىچنى بۇيرۇيمەن. مەن ئۇلارغا بەخت ئەمەس، بەلكى بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىشنى نىيەت قىلدىم.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite