ئەزەكىئەل 5:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى12 سەندىكى خەلقنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ۋابا ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلتۈرىمەن، ئىككىنچى ئۈچتىن بىر قىسمىنى شەھەر سىرتىدا قىلىچ ئاستىدا ھالاك قىلىمەن، قالغان ئۈچتىن بىر قىسمىنى ھەر يەرگە چېچىۋېتىمەن ھەم قىلىچىمنى كۆتۈرۈپ ئارقىسىدىن قوغلايمەن. Gade chapit la |
ئۇنىڭ ئوڭ قولىدا پالنىڭ جاۋابى، يەنى يېرۇسالېم بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوۋۇقبۇزار بىلەن يېرۇسالېم سېپىلىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولىدۇ. ئۇ لەشكەرلىرىگە: «قىرىڭلار، چۇقان سېلىڭلار!» دەپ بۇيرۇق بېرىپ، شەھەر دەرۋازىلىرىغا قوۋۇقبۇزار ئورۇنلاشتۇرۇپ، سېپىلغا توپا دۆۋىلەپ، شەھەرنى قورشاش ئىنشائاتلىرىنى بەرپا قىلماقچى بولىدۇ.
ئۇلار ئەمدى ئىبادەتخانامغا يانداشتۇرۇپ بۇتخانا سېلىپ، بۇتخانىسىنىڭ بوسۇغا ۋە دەرۋازىلىرى بىلەن مېنىڭ ئىبادەتخانامنىڭ بوسۇغا ۋە دەرۋازىلىرىنى قىستىمايدۇ. ئەسلى ئىبادەتخانام بىلەن ئۇلارنىڭ بۇتخانىسىنى بىرلا تام ئايرىپ تۇراتتى. ئۇلار مەن يىرگىنچلىك دەپ قارىغان، مۇقەددەس نامىمنى بۇلغايدىغان ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، غەزىپىم كېلىپ، ئۇلارنى يوقاتتىم.