ئەزەكىئەل 5:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى11 مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن يىرگىنچلىك بۇت ۋە رەزىل قىلمىشلىرىڭ بىلەن مېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامنى بۇلغىغانلىقىڭ ئۈچۈن، مەن سېنى ئاياپ قويمايمەن، ساڭا شاپائەت قىلمايمەن ھەم ئىچ ئاغرىتمايمەن. Gade chapit la |
ئۇلار ئەمدى ئىبادەتخانامغا يانداشتۇرۇپ بۇتخانا سېلىپ، بۇتخانىسىنىڭ بوسۇغا ۋە دەرۋازىلىرى بىلەن مېنىڭ ئىبادەتخانامنىڭ بوسۇغا ۋە دەرۋازىلىرىنى قىستىمايدۇ. ئەسلى ئىبادەتخانام بىلەن ئۇلارنىڭ بۇتخانىسىنى بىرلا تام ئايرىپ تۇراتتى. ئۇلار مەن يىرگىنچلىك دەپ قارىغان، مۇقەددەس نامىمنى بۇلغايدىغان ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، غەزىپىم كېلىپ، ئۇلارنى يوقاتتىم.