Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 5:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرىنى، بالىلار ئۆز ئاتا-ئانىلىرىنى يەيدۇ. مەن سېنى جازالايمەن. بارلىق ھايات قالغانلارنى ھەر يەرگە چېچىۋېتىمەن.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 5:10
36 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار: «تېز بولۇڭلار، مەن سىلەرنى دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىغا چېچىۋەتكەنىدىم، ئەمدى شىمالدىكى بابىلدىن قېچىپ چىقىڭلار!


مەن ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى ۋە بارلىق لەشكەرلىرىنى تۆت ئەتراپقا چېچىۋېتىمەن ھەم قىلىچىمنى چىقىرىپ، ئۇلارنى قوغلايمەن.


سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان دۈشمىنىڭلارنىڭ بۇ شەھەرنى تاكى ئاشلىق قالمىغۇچە مۇھاسىرىگە ئېلىشىغا يول قويى مەن. مۇھاسىرىگە چۈشكەنلەر شۇنچىلىك ئۈمىدسىزلەنگەنلىكتىن ئۆز بالىلىرىنى ۋە بىر-بىرىنى يەيدۇ.›»


پەرۋەردىگار سىلەرنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى يات خەلقلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىۋېتىدۇ. سىلەر ئۇ يەردە ئەجدادلىرىڭلارمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ياغاچ، تاش بۇتلارغا چوقۇنىسىلەر.


سىلەر ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر.


ئۇلارنى قىلمىش-ئەتمىشلىرىگە قارىتا جازالاپ، ياقا يۇرتلارغا، يات ئەللەرگە چېچىۋەتتىم.


شەھەرنى قورشاش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، چېچىڭنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى كېسەككە ئويۇلغان شەھەردە كۆيدۈر. ئىككىنچى ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئويۇلغان شەھەرنىڭ سىرتىدا خەنجەر بىلەن توغرا. ئۈچىنچى ئۈچتىن بىر قىسمىنى شامالدا ئۇچۇرۇۋەت. چۈنكى مەن قىلىچىمنى سۇغۇرۇپ، خەلقىمنى كەينىدىن قوغلايمەن.


بىزنى قوي كەبى تۇتۇپ بەردىڭ بوغۇزلاشقا ئۇلارغا، چېچىۋەتتىڭ بىزنى ھەم يات خەلقلەر ئارىسىغا.


مەن ئۇلارنى خۇددى بوران ئۇچۇرۇۋەتكەندەك، يات ئەللەرگە ئۇچۇرۇۋەتتىم. ئۇلارنىڭ زېمىنى قاقاسلىققا ئايلىنىپ، ھېچكىم ئۇ يەرگە ئاياغ باسمىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار باياشات زېمىنىنى چۆللۈككە ئايلاندۇردى.»


مەن ئەمر-پەرمان چۈشۈرۈپ، ئىسرائىلىيە خەلقىنى يات ئەللەرنىڭ ئارىسىدا دان تاسقىغاندەك تاسقايمەن. لېكىن غەلۋىرىمدىن بىر تال تاشمۇ يەرگە چۈشمەيدۇ.


مەن سەندىكى ئادەملەرنى ياقا يۇرتلارغا ۋە يات ئەللەرگە چېچىۋېتىمەن، سەندىكى ئىپلاسلىقلارنى يوقىتىمەن.


لېكىن مەن خەلقىمنىڭ بىر قىسمىنى ھايات قالدۇرىمەن. ئۇلار قىلىچتىن ئامان قېلىپ، يات ئەللەردە ناتونۇش خەلقلەر ئارىسىدا ياشايدۇ.


سەندىكى خەلقنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ۋابا ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلتۈرىمەن، ئىككىنچى ئۈچتىن بىر قىسمىنى شەھەر سىرتىدا قىلىچ ئاستىدا ھالاك قىلىمەن، قالغان ئۈچتىن بىر قىسمىنى ھەر يەرگە چېچىۋېتىمەن ھەم قىلىچىمنى كۆتۈرۈپ ئارقىسىدىن قوغلايمەن.


خەلقىم ھالاكەتكە ئۇچرىغىنىدا، ئۆز بالىسىنى پىشۇرۇپ يېدى مېھرىبان ئانا.


سىئون نىدا قىلار: «ئى پەرۋەردىگار، قارىغىن ماڭا، زەربە بېرىپ باققانمىدىڭ بىرىگە، زەربە بەرگەندەك ماڭا؟ ئەجەبا، ئۆزى باققان بالىسىنىڭ گۆشىنى يەمدۇ ئانا؟ روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر ئۆلتۈرۈلەمدۇ ئىگىسىنىڭ ئىبادەتخانىسىدا؟


مەن ئۇلارنى ھەتتا ئاتا-بوۋىلىرىمۇ بىلمەيدىغان ئەللەر ئارىسىغا چېچىۋېتىپ، تاكى ئۇلار ھالاك بولغۇچە دۈشمەنلەرنى ئەۋەتىپ قوغلىتىمەن.›»


مەن قىلىچىمنى يالىڭاچلاپ، ئارقاڭلاردىن قوغلايمەن، سىلەرنى باشقا ئەللەرگە چېچىۋېتىمەن. زېمىنىڭلار چۆللۈككە، شەھەرلىرىڭلار خارابىلىككە ئايلىنىدۇ.


قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ ياكى تۇتقۇن قىلىنىپ، چەت دۆلەتلەرگە ھەيدىلىدۇ. خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقتى توشقۇچە، ئۇلار يېرۇسالېمنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ.


ئۇلار چۆلدىكى ۋاقتىدا، مەن ئۇلارنى ياقا يۇرتلارغا تارقىتىۋېتىمەن، يات ئەللەرگە چېچىۋېتىمەن، دەپ قەسەم قىلدىم.


ئىسرائىل خەلقى خۇددى شىرلار قوغلاپ يۈرگەن قويلارغا ئوخشايدۇ. دەسلەپتە ئاسسۇرىيە پادىشاھى ئۇلارنى يۇتۇۋەتتى. ھازىر، يەنى ئەڭ ئاخىرىدا بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى غاجىدى.


مىسىرغا بېرىپ، ئۇ يەردە ياشاشقا قارار قىلغان يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ئامان قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلىمەن. مەيلى مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مىسىردا ئۇرۇش ياكى ئاچارچىلىقتىن ئۆلىدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ قارغىشىغا قېلىپ، كىشىلەر قارغاشتا ئىشلىتىدىغان بىر سۆزگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇلار ناھايىتى قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرايدۇ.


مەن ساڭا زۇلۇم سالغانلارغا ئۆز گۆشىنى ئۆزىگە يېگۈزىمەن، ئۇلارنىڭ ئۆز قېنىنى ئۆزىگە ئىچۈرۈپ، خۇددى شاراب ئىچكەندەك مەست قىلىۋېتىمەن. ئەنە شۇ چاغدا يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنسانلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ، قوغدىغۇچىڭ ئىكەنلىكىمنى، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان ھەممىگە قادىر خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالىدۇ.»


ئوڭ تەرەپتە كىشىلەر گۆش پارچىلايدۇ، بىراق ئۇلار يەنىلا ئاچ يۈرىدۇ. سول تەرەپتە كىشىلەر يالماپ يۇتىدۇ، بىراق يەنىلا تويمايدۇ. ھەركىم بىر-بىرىنى تالاپ، گۆشىنى يەيدۇ.


سەن مۇسا پەيغەمبەرگە ئېيتقان سۆزلىرىڭنى يادىڭدا تۇتقايسەن، سەن: ‹سىلەر ئىسرائىللار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلساڭلار، سىلەرنى يات ئەللەر ئارىسىغا چېچىۋېتىمەن،


شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئوغلۇمنى پىشۇرۇپ يېدۇق. ئەتىسى مەن ئۇنىڭغا: «ئوغلۇڭنى بەر، بۈگۈن ئۇنى يەيلى» دېسەم، ئۇ ئوغلىنى يوشۇرۇۋالدى، _ دېدى.


مەن ئۇلارنى يوقىتاتتىم، ئۇلارنى ئالەم ئۇنتۇپ كېتەتتى.


پەرۋەردىگار سىلەرنى باشقا ئەللەرگە تارقىتىۋېتىدۇ. ئۇ ئەللەردە پەقەت بىر قىسمىڭلارلا ئامان قالىسىلەر.


ئاندىن مەن ئۇلارنى شاراب ئىدىشلىرى بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ چېقىلغاندەك، بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇشقا سالىمەن، ئاتا-ئانا ۋە بالىلارنىمۇ شۇنداق قىلىمەن. ئۇلارغا ھېچقانداق ھېسداشلىق، ئىچ ئاغرىتىش ۋە شەپقەت كۆرسەتمەيمەن. ھېچقانداق نەرسە مېنىڭ ئۇلارنى ۋەيران قىلىشىمنى توسۇپ قالالمايدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى ۋە بارلىق چارۋا ماللىرىنى تارتىۋېلىڭلار! مەن چەت-ياقا جايلاردا ياشاۋاتقان بۇ ئەللەرنى تەرەپ-تەرەپكە چېچىۋېتىمەن ھەمدە ئۇلارغا ھەممە تەرەپتىن بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەن.


مەن ئېلامنى تۆت تەرەپتىن بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىتىپ، ئۇ ئەلنى ھەرقايسى جايلارغا تارقىتىۋېتىمەن. ئېلام مۇساپىرلىرىنىڭ بارمىغان يەرلىرى قالمايدۇ.


چىلبۆرىمۇ ئۆز بالىسىنى ئېمىتەر، لېكىن خەلقىم تۆگىقۇشتەك بالىلىرىنى تەرك ئېتەر.


ئۇنىڭ بارلىق خىل لەشكەرلىرى قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ. قالغانلىرى تۆت ئەتراپقا قېچىپ كېتىدۇ. شۇندىلا سىلەر بۇ سۆزلەرنى ئېيتقۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.


پەرۋەردىگار ئۆزى قوغلاپ چىقاردى ئۇلارنى، غەمخورلۇق قىلماس ئەمدى ئۇلارغا. كىشىلەر ھۆرمەت بىلدۈرمەس روھانىيلارغا، مەرھەمەت كۆرسەتمەس ئاقساقاللارغا.


ئۇلارنى باشقا ئەللەرگە سۈرگۈن قىلىپ، يات خەلقلەر ئارىسىغا چېچىۋېتىمەن. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.


ئى ئىگەم، سەن ھەققانىيدۇرسەن. ئەمما بۈگۈن بىزنىڭ ساڭا ئىتائەت قىلماسلىقىمىز سەۋەبىدىن بىز بارلىق ئىسرائىللارنىڭ، يەنى يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقانلار ھەمدە سەن تەرەپتىن يېقىن ۋە يىراققا قوغلانغانلارنىڭ يۈزى نومۇستىن قىزارماقتا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite