ئەزەكىئەل 44:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى1 ئۇ ئادەم مېنى ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىدىن تاشقىرىقى ھويلىدىكى شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىگە قايتۇرۇپ ئەكەلدى. دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كىرىش ئىشىكى تاقاق ئىدى. Gade chapit la |
ئەگەر پادىشاھ ماڭا خالىس قىلىنىدىغان ھەدىيە سۈپىتىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنماقچى بولسا، ئۇنىڭغا ئىچكىرىكى ھويلىنىڭ شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ ئىشىكى ئېچىپ بېرىلسۇن. ئۇ دەم ئېلىش كۈنىدە قۇربانلىقلارنى قانداق ئۇسۇلدا سۇنغان بولسا، بۇ قۇربانلىقلارنىمۇ شۇنداق ئۇسۇلدا سۇنسۇن. ئۇ قۇربانلىقلىرىنى سۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، چىقىپ كەتسۇن، دەرۋازا تاقالسۇن.