Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 43:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 مەن كۆرگەن بۇ غايىبانە ئالامەت خۇدا يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلماقچى بولغان چاغدا كۆرگەن ئالامەتكە ۋە كىبار قانىلى بويىدا كۆرگەن ئالامەتكە ئوخشايتتى. مەن دەرھال ئۆزۈمنى يەرگە تاشلىدىم.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 43:3
13 Referans Kwoze  

ئاندىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ باشقىلارغا: «سىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بېرىڭلار، شەھەردىكى كىشىلەرنى قىرغىن قىلىڭلار، ھېچكىمنى ئاياپ قويماڭلار، ھېچكىمگە رەھىم قىلماڭلار.


مەن پەرۋەردىگارنىڭ ۋارقىراپ تۇرۇپ: «ئەي بۇ شەھەرنى جازالىغۇچىلار، قوراللىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.


_ ئەي ئادەم بالىسى، مىسىر خەلقى ئۈچۈن ھازا تۇت. ئۇلارنى ۋە قۇدرەتلىك ئەللەرنى ئۆلۈكلەر ماكانىدىكى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئۆلۈكلەر ماكانىنىڭ ئەڭ چوڭقۇرىغا مەھكۇم قىل.


مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، تۈزلەڭلىككە باردىم. قارىسام، پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى شۇ يەردە توختاپتۇ. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى كىبار قانىلى بويىدا كۆرگىنىم بىلەن ئوخشاش ئىدى. مەن دەرھال ئۆزۈمنى يەرگە تاشلىدىم.


بىلىشىڭ كېرەككى، مەن بۈگۈن ساڭا پادىشاھلىقلارغا ۋە ئەللەرگە ۋەھىيلىرىمنى يەتكۈزۈش ھوقۇقىنى بەردىم. سەن بۇ پادىشاھلىقلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قومۇرۇپ تاشلىنىدىغانلىقىنى، يىقىتىلىدىغانلىقىنى، ۋەيران بولىدىغانلىقىنى، ئاغدۇرۇلىدىغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ بولسا قايتا قۇرۇلۇپ، مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىنى جاكارلايسەن.


شۇ ئەسنادا، ئالتۇندىن ياسالغان ئىككى كېرۇبنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغان ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانىدىكى جايىدىن كۆتۈرۈلۈپ، بوسۇغىغا كەلدى. پەرۋەردىگار زىغىر رەختتىن كىيىم كىيىپ، يېنىغا كاتىپلىق قوراللىرى ئېسىۋالغان ئادەمنى چاقىرىپ،


مەن ئۇ يەردە تۇيۇقسىز ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ نۇر مەن تۈزلەڭلىكتە كۆرگەن نۇر بىلەن ئوخشاش ئىدى.


ئاندىن ئۇ ئادەم مېنى قايتىدىن ئىچكىرىكى شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. قارىسام، ئىبادەتخانا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا تولۇپتۇ. مەن ئۆزۈمنى يەرگە تاشلىدىم.


شۇڭا ھېچكىمنى ئاياپ قويمايمەن، ھېچكىمگە رەھىم قىلمايمەن. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىغا يارىشا جازاسىنى بېرىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite