Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 43:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 قارىسام، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرى شەرقتىن كېلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭدىن دېڭىز شاۋقۇنىدەك كۈچلۈك ئاۋاز چىقاتتى. زېمىنمۇ خۇدانىڭ پارلاق نۇرىدىن جۇلالانغانىدى.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 43:2
24 Referans Kwoze  

ئۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ ھوقۇقلۇق يەنە بىر پەرىشتىنىڭ ئەرشتىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. يەر يۈزى ئۇنىڭ پارلاق نۇرى بىلەن يورۇپ كەتتى.


پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى كۆتۈرۈلۈپ، شەھەرنىڭ سىرتىدىكى شەرقىي تاغ ئۈستىدە توختىدى.


ئۇلار بىر-بىرىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار! پۈتكۈل يەر-زېمىن تولغاندۇر ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا!» دەپ ۋارقىرىشاتتى.


بۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانا ئىچىدىكى ئالتۇندىن ياسالغان ئىككى كېرۇبنىڭ ئۈستىدىن يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈپ، بوسۇغىغا كەلدى. ئىبادەتخانا بۇلۇتقا، ئىچكىرىكى ھويلا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ يورۇقلۇقىغا تولدى.


ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى يامغۇردىن كېيىن بۇلۇتلار ئارىسىدا پەيدا بولىدىغان ھەسەن-ھۈسەنگە ئوخشايتتى. ئەتراپىدىكى پارلىغان نۇرنىڭ كۆرۈنۈشىمۇ شۇنداق ئىدى. بۇ نۇر پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىغا ئوخشايتتى. مەن بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنى يەرگە تاشلىدىم ۋە ئارقىدىن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.


پۇتلىرى ئوچاقتا تاۋلىنىپ پارقىرىغان تۇچقا ئوخشايتتى، ئاۋازى شارقىراپ ئېقىۋاتقان سۇنىڭ شاۋقۇنىدەك ئىدى.


مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، تۈزلەڭلىككە باردىم. قارىسام، پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى شۇ يەردە توختاپتۇ. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى كىبار قانىلى بويىدا كۆرگىنىم بىلەن ئوخشاش ئىدى. مەن دەرھال ئۆزۈمنى يەرگە تاشلىدىم.


ئۇلار ئۇچقان ۋاقتىدا، قاناتلىرىدىن دېڭىز شاۋقۇنىدەك كۈچلۈك ئاۋاز چىقاتتى. ئۇ ئاۋاز خۇددى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئاۋازىغا ياكى بىر قوشۇندىن چىققان شاۋقۇن-سۈرەنگە ئوخشايتتى. مەخلۇقلار توختىغاندا، قاناتلىرىنى يىغاتتى.


شەھەرنىڭ يورۇتۇلۇشى ئۈچۈن قۇياش ياكى ئاي ھاجەتسىز بولۇپ، ئۇنى خۇدانىڭ پارلاق نۇرى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. قوزا ئۇنىڭ چىرىغى بولىدۇ.


ئاسماندىن خۇددى شارقىراپ ئېقىۋاتقان سۇلارنىڭ ۋە گۈلدۈرمامىنىڭ قاتتىق گۈلدۈرلىشىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. مەن ئاڭلىغان ئاۋاز يەنە چىلتارچىلار ئورۇندىغان نەغمە ئاۋازىغىمۇ ئوخشايتتى.


ئاندىن، سۇلارنىڭ شارقىرىشىغا، قاتتىق گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈرلىشىگە ۋە نۇرغۇن خالايىقنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: «ھەمدۇسانا! ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ھۆكۈمراندۇر.


شۇنىڭدىن كېيىن، ئەرشتە نۇرغۇن خالايىقنىڭ ۋارقىراشلىرىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئۇلار: «ھەمدۇسانا! نىجاتلىق، ئۇلۇغلۇق ۋە قۇدرەت خۇدايىمىزغا مەنسۇپتۇر.


يەشايا پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ سۆزلەرنى ئۇنىڭغا قارىتا ئالدىنئالا ئېيتقانىدى.


كۆردۈمكى كەلگەنلىكىنى خۇدانىڭ تېمان زېمىنىدىن، كۆردۈمكى چۈشكەنلىكىنى مۇقەددەس خۇدانىڭ پاران تېغىدىن. سېلاھ ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقى كۆكنى قاپلىدى، تولدى پۈتكۈل يەر-زېمىن ئۇنىڭغا ئېيتىلغان ھەمدۇسانالارغا.


خۇددى دېڭىز سۇغا تولغاندەك، پۈتۈن يەر يۈزى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ھەققىدىكى بىلىمگە تولىدۇ.


شۇ ئەسنادا، ئالتۇندىن ياسالغان ئىككى كېرۇبنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغان ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئىبادەتخانىدىكى جايىدىن كۆتۈرۈلۈپ، بوسۇغىغا كەلدى. پەرۋەردىگار زىغىر رەختتىن كىيىم كىيىپ، يېنىغا كاتىپلىق قوراللىرى ئېسىۋالغان ئادەمنى چاقىرىپ،


شەھەر خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇنىڭ جۇلاسى ئىنتايىن ئېسىل بىر گۆھەرنىڭ، يېشىل قاشتاشتەك يالتىرىغان خرۇستالنىڭ جۇلاسىغا ئوخشايتتى.


ئاڭلاڭلار! نۇرغۇن ئەللەرنىڭ قوشۇنلىرى دېڭىز شاۋقۇنىدەك نەرە تارتىۋاتىدۇ. قۇدرەتلىك قوشۇنلارنىڭ دېڭىز شاۋقۇنىدەك سۈرەن سېلىپ كېلىۋاتقىنىغا قۇلاق سېلىڭلار!


كېرۇبلار قاناتلىرىنى قېقىپ كۆتۈرۈلدى، چاقلارمۇ تەڭ كۆتۈرۈلدى. ئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرى بار ئىدى.


پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى شەرقىي دەرۋازا ئىمارىتى ئارقىلىق ئىبادەتخانىغا كىردى.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ بۇ ئىشىك دائىم تاقاق تۇرسۇن، ھېچكىم ئاچمىسۇن، ھېچكىم ئۇ يەردىن كىرمىسۇن. چۈنكى بۇ ئىشىكتىن مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا كىرگەندۇرمەن. بۇ ئىشىك تاقاق تۇرسۇن.


ئۇنىڭ جۇلاسى خۇددى تاڭ نۇرىدەك پارلاق، قۇدرەت يوشۇرۇنغان قولىدىن چېقىلار چاقماق.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite