Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 42:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 بۇ ئىمارەتنىڭ ئالدى تەرىپى تاشقىرىقى ھويلىدىكى تاش ياتقۇزۇلغان يولغا قارايتتى. ئىمارەتنىڭ كەينى تەرىپى ئىبادەتخانىنىڭ ئارقىسىدىكى كەڭلىكى 10 مېتىر كېلىدىغان بوش يەرگە قارايتتى. بۇ ئىمارەت ئۈچ قەۋەت سېلىنغانىدى.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 42:3
7 Referans Kwoze  

ئىمارەتنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى خانىلار ئىككىنچى قەۋىتىدىكى خانىلارغا، ئىككىنچى قەۋىتىدىكى خانىلار بىرىنچى قەۋىتىدىكى خانىلارغا قارىغاندا تارراق بولۇپ، پەلەمپەي شەكلىدە سېلىنغانىدى، چۈنكى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى خانىلارنىڭ ئالدىغا كەڭرىرەك بوشلۇق قالدۇرۇلغانىدى.


بېشىڭ گويا قەد كۆتۈرگەن كارمەل تېغى، دولقۇنلىغان قارا چېچىڭ يالتىراق دۇردۇن كەبى، گۈزەللىكىڭ ئەسىر قىلار ھەتتا شاھنىڭ قەلبىنى.


كېدىردىن ياسالغاندۇر ئۆگزىمىزنىڭ لىملىرى، قارىغاي ياغىچىدۇر ئۇنىڭ ۋاسىلىرى.


بارلىق ئىسرائىللار ئاسماندىن ئوت چۈشكەنلىكىنى ۋە ئىبادەتخانىنىڭ ئۈستىدە پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، تىزلىنىپ، باشلىرىنى تاش ياتقۇزۇلغان يەرگە تەگكۈزۈپ، سەجدە قىلىشتى ۋە «پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەپ شۈكۈر ئېيتىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite