3 ئۇ مېنى ئاشۇ يەرگە ئېلىپ باردى. قارىسام، دەرۋازىنىڭ ئالدىدا تۇچتەك پارقىراق بىر ئادەم تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ قولىدا زىغىر تانىدىن ۋە تاياقتىن ياسالغان ئىككى ئۆلچىگۈچ بار ئىدى.
ماڭا ئۆلچىگۈچ ئورنىدا ئىشلىتىشكە قومۇش بېرىلدى ۋە بىر ئاۋاز ماڭا مۇنداق دېدى: «بېرىپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنى ئۆلچە، ئۇ يەردە ئىبادەت قىلىۋاتقانلارنى سانا.
ئۇ ئادەم قولىدىكى ئۆلچەم تانىسى بىلەن ئېقىننى شەرق تەرەپكە قاراپ ئۆلچەشكە باشلىدى. 500 مېتىر ئۆلچەپ بولغاندىن كېيىن، ئېقىننى كېچىشىمنى بۇيرۇدى، سۇ ئوشۇقۇمغا كەلدى.
ماڭا گەپ قىلغان پەرىشتىنىڭ قولىدا شەھەرنى ۋە شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرى بىلەن سېپىلىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئالتۇن ئۆلچىگۈچ بار ئىدى.
پۇتلىرى ئوچاقتا تاۋلىنىپ پارقىرىغان تۇچقا ئوخشايتتى، ئاۋازى شارقىراپ ئېقىۋاتقان سۇنىڭ شاۋقۇنىدەك ئىدى.
ئۇلارنىڭ پاچاقلىرى تۈز، پۇتلىرى موزاي تۇياقلىرىدەك بولۇپ، پۇتلىرى خۇددى پارقىرىتىلغان تۇچتەك يالتىرايتتى.
ئۇنىڭ بېلىنىڭ ئۈستىنىڭ ئوتتا قىزارغان مېتالدەك يالتىرايدىغانلىقىنى، تۆت ئەتراپىدا ئوت يېنىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ بېلىنىڭ ئاستى مەشئەلگە ئوخشايتتى ۋە ئەتراپى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇر بىلەن قورشالغانىدى.
مەن بىر ئادالەت سىزىقى تارتىمەن، ھەققانىيلىقنى سىناش سىزىقى قىلىمەن. يالغانچىلىق بىلەن قۇرۇلغان پاناھلىق جاينى مۆلدۈرلەر ۋەيران قىلىدۇ. كەلكۈنلەر سىلەرنىڭ دالدىلانغان جايىڭلارنى بېسىۋالىدۇ.
ياق! خۇدانىڭ تەلىمى پۈتۈلگەن يازمىلارغا قاراڭلار! ئەگەر ئۇلار بۇ تەلىملەر بويىچە سۆزلىمىسە، ئۇلار تاڭ نۇرىنى كۆرەلمەيدۇ.
ئاندىن ئۇ ئادەم مېنى ئاساسىي خانىغا باشلاپ كىردى ۋە تاشقىرىقى خانا بىلەن ئاساسىي خانىنى ئايرىپ تۇرىدىغان تامنى، يەنى ئىشىكنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاملارنى ئۆلچىدى، تامنىڭ قېلىنلىقى 3 مېتىر ئىدى.
ئۇ ئاۋۋال ئۆلچەم تايىقى بىلەن شەرق تەرەپتىكى تامنى ئۆلچىدى، تامنىڭ ئۇزۇنلۇقى 250 مېتىر ئىدى.
ئۇ ئادەم مېنىڭ يېنىمدا تۇراتتى. ئىبادەتخانا ئىچىدىن پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا سۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.
قارىسام، ئالدىمدا تۇرقى ئادەمگە ئوخشايدىغان بىر شەكىل تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ بېلىنىڭ ئاستى تەرىپى ئوتقا، ئۈستى تەرىپى ئوتتا قىزارغان مېتالغا ئوخشايتتى.