5 ئۇلار قانچە يىل گۇناھ قىلغان بولسا، سەن شۇنچە كۈن سول يېنىڭچە ياتىسەن. سەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرى ئۈچۈن 390 كۈن سول يېنىڭنى بېسىپ ياتىسەن.
بۇ قىرىق يىلنىڭ ھەربىر يىلى سىلەرنىڭ ئۇ زېمىننى چارلاپ كەزگەن قىرىق كۈننىڭ ھەربىر كۈنى ئۈچۈندۇر. سىلەر ئەمدى ئۆز گۇناھىڭلار ئۈچۈن قىرىق يىل ئازاب تارتىسىلەر ۋە مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە قارشى تۇرسام، ئاقىۋىتىڭلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.
ھەممىمىز خۇددى يولدىن ئازغان قويلارغا ئوخشاش، ھەربىرىمىز ئۆزىمىز بىلگەن يوللارغا كەتتۇق. لېكىن پەرۋەردىگار ھەممىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈكلىدى.
خەلقىڭ ۋە مۇقەددەس شەھىرىڭنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى، گۇناھىنى يۇيۇشى، يامانلىقىنى توختىتىشى، مەڭگۈلۈك ئادالەت ئورنىتىشى، ۋەھىيدىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ پاكلىنىشى ئۈچۈن يەتمىش كەررە يەتتە مەزگىل بېكىتىلدى.