10-11 ھەر كۈنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا يەيدىغان نەرسەڭنىڭ مىقدارى بىر قاچا تاماق، بىر كاسا سۇ بولىدۇ.
سىلەرنى ئاش-نانغا زار قىلىمەن، ئۇ چاغدا ئون ئايالنىڭ يۇغۇرغان خېمىرى پەقەت بىر تونۇر نان بولىدۇ. ئاياللار ناننى ئۆلچەپ بېرىشىدۇ، يەيسىلەر، لېكىن تويمايسىلەر.
_ ئەي ئادەم بالىسى، ئەگەر بىرەر ئەلنىڭ خەلقى ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزسە، مەن ئۇلارغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرىمەن. ئۇلارنىڭ ئاشلىق مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن، يېرىنى ئاچارچىلىق قاپلايدۇ، ئادەملەر ۋە ھايۋانلار ھالاك بولىدۇ.
ئۇ يەنە: _ ئەي ئادەم بالىسى، مەن يېرۇسالېمنىڭ ئاشلىق مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلايمەن. ئۇلار نورمىلىق يېمەكلىكلىرى ۋە سۇلىرىنى تەشۋىش ۋە قورقۇنچ بىلەن يەپ-ئىچىشىدۇ.
قاراڭلار، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنى ئۇلار تايىنىپ كەلگەن ھەممە نەرسىلىرىدىن مەھرۇم قىلىدۇ، يەنى ئۇ سىلەردىن نان ۋە سۇنى،
شۇنداق قىلىپ، مەن ئاناتوتتىكى ئېتىزلىقنى بىر نەۋرە قېرىندىشىم خانامئېلدىن سېتىۋالدىم. مەن ئۇ ئېتىزلىق ئۈچۈن ئىككى يۈز گىرام كۈمۈش تۆلىدىم.
_ ئەي ئادەم بالىسى، تامىقىڭنى تىترەپ تۇرۇپ يە، سۈيۈڭنى قورقۇپ تۇرۇپ ئىچ.