3 سول قولۇڭدىكى يانى ۋە ئوڭ قولۇڭدىكى ئوقنى ئۇرۇپ، يەرگە چۈشۈرىمەن.
ئۇ شۇ يەردە سۇندۇردى دۈشمەننىڭ ئوتلۇق ئوقلىرىنى، چېقىپ تاشلىدى قالقان، قىلىچ ۋە بارلىق جەڭ قوراللىرىنى. سېلاھ
ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن يىزرىئەل تۈزلەڭلىكىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئوقيالىرىنى سۇندۇرىمەن.
توختاتقۇچىدۇر ئۇ ھەممە ئۇرۇشلارنى، سۇندۇرۇپ ئوقيا، نەيزىلەرنى. كۆيدۈرۈپ جەڭ ھارۋىلىرىنى.
_ ئەي ئادەم بالىسى، مەن مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھىنىڭ بىلىكىنى سۇندۇردۇم، ھېچكىم ئۇنىڭ بىلىكىنى تېڭىپ قويمىدى، ھېچكىم ئاغرىقىغا شىپا بولمىدى. شۇڭا ئۇ قولىدا قىلىچ كۆتۈرگۈدەك كۈچلىنەلمىدى.
مەن سېنى يولۇڭدىن ياندۇرۇپ، يىراقتىكى شىمالدىن ئېلىپ كېلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىغا ئىتتىرىپ كېلىمەن.
ئوقياچىلار پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. يەل تاپانلارمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ھەتتا چەۋەندازلارمۇ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇشقا ئامالسىز قالىدۇ.
دەيدۇ ئۇ: «توختىتىڭلار ئۇرۇشۇڭلارنى، بىلىپ قويۇڭلار مېنىڭ خۇدالىقىمنى! ئۇلۇغلىنىمەن پۈتۈن ئالەمدە، بارچە خەلقلەر ئۇلۇغلار مېنى.»
ئى خۇدا، شەرىپىڭ پارلاق نۇرلار چاچار، ئوۋغا باي تاغلاردىنمۇ زور ھەيۋىتىڭ بار.