Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 34:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 قوينىڭ سۈتىنى ئىچىسىلەر، يۇڭىدا كىيىم كىيىسىلەر، سېمىزلىرىنى بوغۇزلايسىلەر، لېكىن قوي پادىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمايسىلەر.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 34:3
18 Referans Kwoze  

چۈنكى مەن بۇ زېمىندا ھالاك بولغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمايدىغان، ئازغانلارنى ئىزدىمەيدىغان، يارىلانغانلارنى ساقايتمايدىغان، ساقلارنى ئوتلاتمايدىغان پادىچىدىن بىرنى تەيىنلەيمەن. ئۇ سېمىز قويلارنى سويۇپ يەيدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ تۇياقلىرىنىمۇ يۇلۇپ تاشلايدۇ.


قوي سېتىۋالغۇچىلار قويلارنى بوغۇزلايدۇ، لېكىن جازالانمايدۇ. قوي ساتقۇچىلار: «خۇداغا شۈكۈر، مەن باي بولدۇم!» دەيدۇ. ھەتتا پادىچىلارنىڭمۇ قويلارغا رەھىمى كەلمەيدۇ.


ئايلانغاچ ئۇ كۈچلۈك شىرغا، يۈرەتتى ئۇ شىر توپىنىڭ ئارىسىدا. ئۆگەندى ئۇ ئوۋ ئوۋلاشنى ۋە ئادەم يېيىشنى.


بېقىپ ئۇ بىر كۈچۈكىنى، كۈچلۈك شىر قىلىپ چىقتى ئۇنى. ئۆگەندى شىر كۈچۈكى ئوۋ ئوۋلاشنى ۋە ئادەم يېيىشنى.


لېكىن بۇنداق ئىش ھەقىقەتەن يۈز بەردى. چۈنكى گۇناھ قىلدى يېرۇسالېمنىڭ پەيغەمبەرلىرى، ھەققانىيلارنىڭ قېنىنى تۆكتى شەھەردە روھانىيلىرى.


ئەمما سەن قەلبىڭنى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىققا مايىل قىلدىڭ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكتۈڭ، كۆزلىرىڭنى پەقەتلا دۇرۇس بولمىغان مەنپەئەتكە تىكتىڭ.»


مەن سىلەرنى جازالىغان بولساممۇ، لېكىن ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى. سىلەر مېنىڭ تەربىيەلىرىمگە پىسەنت قىلمىدىڭلار. سىلەرنىڭ قىلىچىڭلار خۇددى ئاچ شىرلاردەك مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردى.


سىلەر دۇئاغا قوللىرىڭلارنى كۆتۈرگىنىڭلاردا، كۆزلىرىمنى قاچۇرىمەن. قانچە كۆپ دۇئا-تىلاۋەت قىلساڭلارمۇ ئاڭلىمايمەن، چۈنكى قوللىرىڭلار قانغا بويالغان.


ئەي، سودوم ھۆكۈمرانلىرىدەك رەزىل يەھۇدىيەنىڭ باشلىقلىرى، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەي، گومورا خەلقىدەك رەزىل يەھۇدىيەنىڭ خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار!


ماناسسە يەھۇدىيەلىكلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى يامان بولغان ئىشلارنى قىلىشقا يېتەكلەپ گۇناھ قىلغاندىن سىرت، يەنە نۇرغۇن گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكتى. يېرۇسالېمنى ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگىچە قان بىلەن بويىدى.


ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ھۆركىرىگەن شىرلارغا ئوخشايدۇ. سوراقچىلىرى بىر تال سۆڭەكنىمۇ ئەتىگە قالدۇرمايدىغان ئاچ بۆرىلەردەكتۇر.


ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر پىل چىشى بىلەن نەقىشلەنگەن كاتلاردا سوزۇلۇپ، دىۋانلاردا يانپاشلاپ ياتىسىلەر. قويلارنى ۋە سېمىز موزايلارنى يەيسىلەر.


شۇنداقلارمۇ باركى، يوقىتىش ئۈچۈن بۇ دۇنيادىن نامراتلارنى، يالماش ئۈچۈن ئىنسانلار ئارىىسىدىكى موھتاجلارنى، باردۇر ئۇلارنىڭ قىلىچتەك چىشلىرى، پىچاقتەك ئېزىق چىشلىرى،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite