7 مەن سېنى يوقاتقاندا، ئاسماننى يېپىپ، نۇرسىز قىلىمەن يۇلتۇزلارنى. بۇلۇت بىلەن توسىمەن قۇياشنى، چاچمايدۇ ئايمۇ نۇرىنى.
- ئۇ بالايىئاپەتلىك كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكەن ھامان، «قۇياش قارىيىپ، ئاي يورۇقلۇق بەرمەس، يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ، ئاسمان جىسىملىرى لەرزىگە كېلەر.»
قۇياش غۇۋالىشىدۇ، ئاي قان رەڭگىگە كىرىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ بۈيۈك ۋە ھەيۋەتلىك كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن، بۇ ئىشلار يۈز بېرىدۇ.
ئۇ كۈن قاراڭغۇ، زۇلمەتلىك ۋە قارا بۇلۇتلۇق كۈندۇر. قاراڭغۇلۇق تاغلارنى قاپلىغاندەك، زور كۈچلۈك قوشۇن زېمىننى قاپلايدۇ. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئىشلار بۇرۇنمۇ بولمىغان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولمايدۇ.
ئۇ كۈنگە ئاز قالدى، مەن پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى كېلىشكە ئاز قالدى. ئۇ كۈن ھاۋانى قارا بۇلۇت قاپلايدىغان، ئەللەر جازالىنىدىغان كۈندۇر.
ئاسماندىكى بارلىق يۇلتۇزلار ئېرىپ كېتىدۇ. ئاسمان يۆگىلىپ قالىدۇ. خۇددى ئۈزۈم يوپۇرماقلىرى يەرگە چۈشكەندەك، دەرەختىكى ئەنجۈر يەرگە چۈشكەندەك، يۇلتۇزلار چۈشۈپ كېتىدۇ.
ئاسماندىكى يۇلتۇزلار ۋە يۇلتۇز تۈركۈملىرى ئۆز يورۇقلۇقىنى چۈشۈرمەيدۇ. قۇياش قاپقارا بولۇپ چىقىدۇ، ئايمۇ يورۇقلۇق بەرمەيدۇ.
ئۇ كۈنى ئاي، كۈن تۇتۇلىدۇ، يۇلتۇزلارمۇ چاقنىمايدۇ.
تۆتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، قۇياشنىڭ، ئاينىڭ ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرى زەربىگە ئۇچرىدى. نەتىجىدە، قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىڭ يورۇقلۇقىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆچتى. كۈندۈزنىڭ ئۈچتىن بىرى قاراڭغۇلۇققا ئايلاندى، كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدە يورۇقلۇق يوقالدى.
- ئۇ كۈنلەردىكى بالايىئاپەتلەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، «قۇياش قارىيىپ، ئاي يورۇقلۇق بەرمەس،
ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇ كۈنى مەن چۈشتە قۇياشنى پاتۇرۇپ، زېمىنىغا قاراڭغۇلۇق چۈشۈرىمەن.
مەن مىسىرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ۋەيران قىلغاندا، تاخپانخېس شەھىرىنى زۇلمەت قاپلايدۇ. ئۇنىڭ ماختىنىدىغان كۈچ-قۇدرىتى يوقىتىلىدۇ، شەھەرنى قارا بۇلۇتلار قاپلايدۇ، ئۇنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدىكى ئاھالىلىرى ئەسىر ئېلىنىدۇ.
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى زۇلمەتكە دۇچار قىلىپ، قاراڭغۇ تۈنلەردە تاغلاردا پۇتلاشتۇرۇپ يىقىتىشتىن بۇرۇن، ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار. بولمىسا سىلەر يورۇقلۇق ئىزدىگىنىڭلاردا، پەقەت خىرەلەشكەن قاراڭغۇلۇقتا قالىسىلەر.
پارلاپ تۇرار ھەققانىينىڭ نۇرى، ئۆچۈرۈلەر ياماننىڭ چىرىغى.
- مەن كېلىشتىن بۇرۇن، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار غەيرىي تۈس ئالىدۇ. يەر يۈزىدىكى ئەللەر دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ غەزەپلىك شاۋقۇنىدىن ئالاقزادە بولىدۇ.
ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، قۇياشنى چىقماس، يۇلتۇزلارنى چاقنىماس قىلىۋېتەلەيدۇ.
ئۇ چاغدا كۆزلىرىڭگە قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار خىرەلىشىپ، ئاسمىنىڭنى قارا بۇلۇتلار قاپلىغاندەك كۆرۈنىدۇ.
مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق قىلدىم: ‹ئاشۇ بىر تۈپ كېدىر دەرىخى ئۆلۈكلەر ماكانىغا بەند بولغان كۈنى، مەن دەريا ئېقىنلىرىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازا تۇتقۇزدۇم. چۈنكى مەن ئۇنى سۇغارغان سۇ مەنبەلىرىنى توختاتقانىدىم. لىۋاننى قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم قىلدىم، دالادىكى پۈتۈن دەرەخلەرنى قۇرۇتتۇم.
قويلىرى تارقىلىپ كەتكەن قويچى قويلىرىنى قانداق ئىزدىگەن بولسا، مەنمۇ قويلىرىمنى شۇنداق ئىزدەيمەن. ئۇلار ئاپەتلىك، قاراڭغۇ كۈنلەردە تارقىلىپ كەتكەنىدى. مەن ئۇلارنى تارقىلىپ كەتكەن شۇ يەرلەردىن قۇتقۇزۇپ ئەكېلىمەن.
ئۇلار نەگىلا بارسا، ئاسمان-زېمىن تىترەيدۇ. كۈن، ئاي تۇتۇلىدۇ، يۇلتۇزلارمۇ چاقنىمايدۇ.