16 بۇ مىسىر ئۈچۈن ئېيتىلىدىغان مەرسىيەسىدۇر. ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئاياللىرى مىسىر ۋە ئۇنىڭ خەلقى ئۈچۈن بۇ مەرسىيەنى ئېيتىشىدۇ. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
_ ئەي ئادەم بالىسى، مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھى ھەققىدىكى بۇ مەرسىيەنى ئۇنىڭغا يەتكۈز: «شىردەك بىلدىڭ ئۆزۈڭنى ئەللەر ئارا، ئەمەلىيەتتە سەن ئوخشايسەن دېڭىزدىكى بىر مەخلۇققا. سەن پەقەت لەرزىگە سالىسەن دەريانى، پۇتلىرىڭ بىلەن قوچۇپ لېيىتىسەن سۇلارنى.
ئۇلار سېنىڭ ھالىڭغا ئېچىنىپ، مۇنداق مەرسىيە ئوقۇشىدۇ: ‹ئەي داڭلىق دېڭىزچىلار شەھىرى، قورقۇشاتتى قوشنا ئەللەر بىلىپ دېڭىزدىكى قۇدرىتىڭنى، نەقەدەر ۋەيران بولۇپ كەتتىڭ ئەمدى!
يەرەمىيا پەيغەمبەر پادىشاھ يوشىياغا ئاتاپ مەرسىيە ئوقۇدى. شۇنىڭدىن بېرى پادىشاھ يوشىيانى خاتىرىلەپ مەرسىيە ئوقۇش ئىسرائىللارنىڭ ئادىتىگە ئايلىنىپ، بارلىق ئەر-ئايال ناخشىچىلار ئۇنى خاتىرىلەپ، مەرسىيە ئوقۇپ كەلمەكتە. بۇ مەرسىيەلەر «مەرسىيەلەر توپلىمى»دا خاتىرىلەنگەندۇر.
داۋۇت سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى يوناتان ئۈچۈن «يا» مەرسىيەسى دەپ ئاتالغان تۆۋەندىكى مەرسىيەنى ئوقۇدى. ئۇ: «بۇ مەرسىيە يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرگە ئۆگىتىلسۇن» دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. (بۇ مەرسىيە «ياشۇر» دېگەن كىتابتا خاتىرىلەنگەندۇر.)
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئېيتقانلىرىمنى ياخشى ئويلاپ كۆرۈڭلار! يىغىچى ئاياللارنى چاقىرىپ كېلىڭلار، ئۇلارنىڭ ئەڭ ماھىرلىرى كەلسۇن.
_ ئەي ئادەم بالىسى، مىسىر خەلقى ئۈچۈن ھازا تۇت. ئۇلارنى ۋە قۇدرەتلىك ئەللەرنى ئۆلۈكلەر ماكانىدىكى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئۆلۈكلەر ماكانىنىڭ ئەڭ چوڭقۇرىغا مەھكۇم قىل.