Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 3:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئاندىن ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئىسرائىل خەلقى ئارىسىغا بار، سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈز.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 3:4
12 Referans Kwoze  

بىراق شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، مۇقەددەس روھ ۋۇجۇدۇڭلارغا چۈشكەندە، سىلەر كۈچ-قۇدرەتكە تولۇپ، يېرۇسالېم، پۈتۈن يەھۇدىيە ۋە سامارىيە ئۆلكىلىرى، ھەتتا دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ماڭا گۇۋاھچى بولىسىلەر.


ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئايالغا قاراپ مۇنداق دېدى: - مەن پەقەت خۇدانىڭ يوقالغان قويلىرى - ئىسرائىللارغا ئەۋەتىلدىم.


سۈرگۈندىكى قېرىنداشلىرىڭنىڭ ئارىسىغا بار، ئۇلار سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالسۇن ياكى سالمىسۇن، سەن ئۇلارغا: «ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» دەپ جاكارلا.


مەيلى ئۇلار ئاڭلىسۇن ياكى ئاڭلىمىسۇن سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈز، چۈنكى ئۇلار ئاسىيلاردۇر.


ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، مەن سېنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئارىسىغا، يەنى ماڭا ئاسىيلىق قىلغان خەلقنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن. ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ، ئۆزلىرىمۇ ھازىرغىچە داۋاملىق ماڭا قارشىلىق قىلىپ كەلمەكتە.


ئۇ ماڭا: _ ئەي ئادەم بالىسى، مەن ساڭا بەرگەن بۇ يازمىنى يە، ئۇنىڭ بىلەن قورسىقىڭنى تويدۇر، _ دېدى. مەن يازمىنى يېدىم، يازما ھەسەلدەك تاتلىق تېتىدى.


مەن سېنى تىل بىلىشمەيدىغان يات تىلدىكى خەلقنىڭ ئارىسىغا ئەمەس، بەلكى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن.


شۇڭا ئەي ئادەم بالىسى، ۋەھىيىمنى يەتكۈز، ئۇلارغا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز.


پەرۋەردىگار ماڭا ئايان قىلغان ھەممە نەرسىنى سۈرگۈندىكى كىشىلەرگە ئېيتىپ بەردىم.


ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىل خەلقىگە ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، مېنى ھاقارەتلىدى.


بۇ خەلق جاھىل، بوينى قاتتىق خەلقتۇر، مەن سېنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن. سەن ئۇلارغا: «ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» دەپ جاكارلايسەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite