22 پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى يەنە ۋۇجۇدۇمغا چۈشتى. ئۇ ماڭا: _ ئورنۇڭدىن تۇر، تۈزلەڭلىككە بار. مەن سەن بىلەن شۇ يەردە سۆزلىشىمەن، _ دېدى.
ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، شەھەرگە كىر، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى بىرى ساڭا ئېيتىپ بېرىدۇ، - دېگەن جاۋاب كەلدى ھېلىقى ئاۋازدىن.
پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋۇجۇدۇمغا چۈشتى ۋە مېنى غايىبانە ئالامەت ئىچىدە بىر تۈزلەڭلىكنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىپ باردى. تۈزلەڭلىك ئۇستىخانلارغا تولۇپ كەتكەنىدى.
مەن ئۇ يەردە تۇيۇقسىز ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ پارلاق نۇرىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ نۇر مەن تۈزلەڭلىكتە كۆرگەن نۇر بىلەن ئوخشاش ئىدى.
(بابىلدىكى كىبار قانىلى بويىدا، بۇزىنىڭ ئوغلى ئەزەكىئەلگە پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى ۋە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى چۈشتى.)
روھ مېنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى. ئىچىم سىقىلىپ، ئاچچىقلاندىم. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى مېنى قاماللىۋالغانىدى.
سۈرگۈندىكى ۋاقتىمىزنىڭ 25-يىلى، يەنى يېرۇسالېم قولدىن كەتكەنلىكىنىڭ 14-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋۇجۇدۇمغا چۈشتى ۋە مېنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى.