Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 3:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 مەن كىبار قانىلىنىڭ بويىدىكى تېلابىبتا سۈرگۈندە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا كەلدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەيرانلىقتىن ھاڭۋىقىپ، يەتتە كۈن ئولتۇردۇم.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 3:15
10 Referans Kwoze  

دەريا-ئۆستەڭ بويىغا يىغىلغاندا بابىلدا، سىئوننى ئەسلەپ كۆزىمىز تولدى ياشقا.


ئۇلار ئايۇپ بىلەن بىرلىكتە يەتتە كېچە-كۈندۈز يەردە ئولتۇرۇپ، بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمىدى. چۈنكى ئۇلار ئايۇپنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنىڭ ناھايىتى ئازابلىق ئىكەنلىكىنى كۆرگەنىدى.


ھاياتىمنىڭ 30-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى كىبار قانىلى بويىدا سۈرگۈندىكىلەر بىلەن بىرگە ئىدىم. تۇيۇقسىز ئاسمان يېرىلىپ، خۇدانىڭ غايىبانە ئالامەتلەر پەيدا قىلغانلىقىنى كۆردۈم.


ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان ئاتاد دېگەن يەردىكى خامانغا كەلگەندە، قاتتىق يىغا-زار قىلىشتى. ئۇلار ئۇ يەردە يەتتە كۈن ھازا تۇتتى.


ئاڭلاپ بۇلارنى شۈركەندى تېنىم. شاۋقۇندىن ھەم تىترىدى لېۋىم. قورقۇنچتىن بوشاپ كەتتى پۇت-قوللىرىم، غال-غال تىترەپ، دەلدەڭشىپ تۇرالماي قالدىم. كۈتەرمەن شۇندىمۇ سەۋرچانلىق بىلەن، بىزگە ھۇجۇم قىلغۇچىلارغا بالايىئاپەت كېلىدىغان كۈننى.


كېيىن بۇ كېرۇبلار يۇقىرىغا كۆتۈرۈلدى. ئۇلار دەل مەن كىبار قانىلى بويىدا كۆرگەن مەخلۇقلار ئىدى.


ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ يامانلىقىدىن كۆڭلۈم بىئارام بولدى، پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ كەتتى. پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا قارشى ئېيتقان مۇقەددەس سۆزلىرىدىن مەن خۇددى شارابنى كۆپ ئىچىۋالغان مەستتەك گاڭگىراپ قالدىم.


مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ، تۈزلەڭلىككە باردىم. قارىسام، پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى شۇ يەردە توختاپتۇ. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى كىبار قانىلى بويىدا كۆرگىنىم بىلەن ئوخشاش ئىدى. مەن دەرھال ئۆزۈمنى يەرگە تاشلىدىم.


مەن كۆرگەن بۇ غايىبانە ئالامەت خۇدا يېرۇسالېمنى ۋەيران قىلماقچى بولغان چاغدا كۆرگەن ئالامەتكە ۋە كىبار قانىلى بويىدا كۆرگەن ئالامەتكە ئوخشايتتى. مەن دەرھال ئۆزۈمنى يەرگە تاشلىدىم.


(بابىلدىكى كىبار قانىلى بويىدا، بۇزىنىڭ ئوغلى ئەزەكىئەلگە پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى ۋە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى چۈشتى.)


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite