Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 3:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا، ئېسىڭدە مەھكەم تۇت.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 3:10
13 Referans Kwoze  

نىيەت قىلىپ گۇناھكار بولماسلىقنى، ساقلىدىم قەلبىمدە چىڭ سۆزلىرىڭنى.


ئۇنىڭ تەلىملىرىنى قوبۇل قىلغىن، سۆزلىرىنى قەلبىڭدە ساقلىغىن.


قېرىنداشلار، ئاخىردا بىز يەنە شۇنى دېمەكچىمىزكى، خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى بىزدىن ئۆگىنىۋالدىڭلار ھەمدە سىلەر ئەمەلىيىتىڭلاردىمۇ بىزدىن ئۆگەنگىنىڭلار بويىچە شۇنداق ياشاۋاتىسىلەر. ئەمدى خۇدانى خۇرسەن قىلىشقا تېخىمۇ تىرىشىشىڭلارنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن سورايمىز.


خۇداغا ھەمىشە شۈكۈر ئېيتىشىمىزدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى، سىلەر بىزدىن خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنى قوبۇل قىلغىنىڭلاردا، بۇ سۆزنى ئىنسانلارنىڭ سۆزى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ سۆزى دەپ ئېتىراپ قىلدىڭلار. ئەمەلىيەتتىمۇ، بۇ سۆز خۇدانىڭ سۆزى بولۇپ، ئۇ ھازىر ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان سىلەرگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتمەكتە.


مۇنبەت تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار بولسا خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، ئۇلارنى پاك ۋە چىن دىلىدا چىڭ ساقلايدىغان، ھوسۇل بەرگۈچە سەۋر قىلىدىغان كىشىلەردۇر.


ئەي ئادەم بالىسى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سال، ئۇلارغا ئوخشاش ئاسىي بولما. ئاغزىڭنى ئاچ، بېرىدىغىنىمنى يە.


ئاڭلا نەسىھەتنى، قوبۇل قىل تەربىيىنى، شۇنداق قىلغىنىڭدا دانا بولىسەن ئاخىرى.


قوبۇل قىلىڭلار كۈمۈشنىڭ ئورنىغا نەسىھەتلىرىمنى، ساپ ئالتۇننىڭ ئورنىغا بىلىمنى.


مەيلى ئۇلار ئاڭلىسۇن ياكى ئاڭلىمىسۇن سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈز، چۈنكى ئۇلار ئاسىيلاردۇر.


مەن سېنى چاقماق تېشىدىن، ھەتتا ئەڭ قاتتىق تاشتىنمۇ قاتتىق قىلىمەن. گەرچە ئۇلار ئاسىي بولسىمۇ، ئۇلاردىن قورقما، ئۇلارنىڭ ئەلپازلىرىغا قاراپ ھولۇقما.


سۈرگۈندىكى قېرىنداشلىرىڭنىڭ ئارىسىغا بار، ئۇلار سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالسۇن ياكى سالمىسۇن، سەن ئۇلارغا: «ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ» دەپ جاكارلا.


شۇنداق، ئىخلاسمەنلەرنى قۇتقۇزار خۇدا، زاھىر بولۇپ شان-شەرىپى زېمىنىمىزدا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite