1 ئۇ ماڭا: _ ئەي ئادەم بالىسى، ئالدىڭدىكى بۇ ئورام يازمىنى يە، ئاندىن ئۇنىڭدىكى سۆزلەرنى ئىسرائىل خەلقىگە سۆزلەپ بەر، _ دېدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئىشلارنى جان-دىلىڭ بىلەن قىل. ئۆزۈڭنى ئۇلارغا شۇنداق ئاتىغىنكى، ھەممە كىشى سېنىڭ ئالغا باسقانلىقىڭنى كۆرسۇن.
مەن كىبار قانىلىنىڭ بويىدىكى تېلابىبتا سۈرگۈندە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا كەلدىم. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەيرانلىقتىن ھاڭۋىقىپ، يەتتە كۈن ئولتۇردۇم.
ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، مەن سېنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئارىسىغا، يەنى ماڭا ئاسىيلىق قىلغان خەلقنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىمەن. ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ، ئۆزلىرىمۇ ھازىرغىچە داۋاملىق ماڭا قارشىلىق قىلىپ كەلمەكتە.
شۇڭا دېدىمكى، ˜ئى خۇدا، سېنىڭ قانۇن دەستۇرۇڭدا مەن توغرۇلۇق يېزىلغىنىدەك، سېنىڭ ئىرادەڭنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم.Œ»