Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 27:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 _ ئەي ئادەم بالىسى، سەن تىر شەھىرى ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇ.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 27:2
12 Referans Kwoze  

_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن تىر پادىشاھىغا مەرسىيە ئوقۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سەن تولۇپ تاشقان ئەقىل-پاراسەت ۋە گۈزەللىكىڭ بىلەن مۇكەممەللىكنىڭ ئۈلگىسى ئىدىڭ.


پەرۋەردىگار ماڭا: _ سەن ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھلىرى ئۈچۈن تۆۋەندىكى مەرسىيەنى ئوقۇ، _ دېدى.


مەن مۇنداق دېدىم: «تاغلار ئۈچۈن نالە قىلىپ ياش تۆكىمەن. مەن كەڭ كەتكەن يايلاقلار ئۈچۈن ماتەم تۇتىمەن. ئۇلار ۋەيران بولغانلىقىدىن ھېچكىم ئۇ يەرلەردىن ئۆتمەيدۇ. كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى ئاڭلانمايدۇ. ھەتتا ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان قۇشلار ۋە دالالاردىكى ياۋايى ھايۋانلارمۇ قېچىپ كېتىدۇ.»


ئىگىمىز، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ھەربىر شەھەر مەيدانلىرىدىن نالە-پەرياد، ھەربىر كوچىدىن يىغا-زار كۆتۈرۈلىدۇ. دېھقانلار ھازا تۇتۇشقا، مەرسىيەچىلەر يىغلاشقا چاقىرتىلىدۇ.


ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، سىلەر ھەققىدە ئېيتىلغان بۇ ماتەم كۈيۈمگە قۇلاق سېلىڭلار:


_ ئەي ئادەم بالىسى، مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھى ھەققىدىكى بۇ مەرسىيەنى ئۇنىڭغا يەتكۈز: «شىردەك بىلدىڭ ئۆزۈڭنى ئەللەر ئارا، ئەمەلىيەتتە سەن ئوخشايسەن دېڭىزدىكى بىر مەخلۇققا. سەن پەقەت لەرزىگە سالىسەن دەريانى، پۇتلىرىڭ بىلەن قوچۇپ لېيىتىسەن سۇلارنى.


ئۇلار نالە-پەرياد ئىچىدە سەن ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇشىدۇ ۋە ساڭا تەزىيە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېيىشىدۇ: ‹دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن تىر شەھىرىگە ئوخشاش يەنە بىر شەھەر بارمىدى؟›


ئۇلار سېنىڭ ھالىڭغا ئېچىنىپ، مۇنداق مەرسىيە ئوقۇشىدۇ: ‹ئەي داڭلىق دېڭىزچىلار شەھىرى، قورقۇشاتتى قوشنا ئەللەر بىلىپ دېڭىزدىكى قۇدرىتىڭنى، نەقەدەر ۋەيران بولۇپ كەتتىڭ ئەمدى!


شۇڭا مەن دەيمەنكى، مەن غەزەپ-نەپرىتىمنى بۇ زېمىنغا، يەنى بۇ زېمىندىكى ئىنسانلار، ھايۋاناتلار، شۇنداقلا دەل-دەرەخلەر ۋە زىرائەتلەرگە ياغدۇرىمەن. غەزەپ-نەپرىتىم ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان ئوتتەك يالقۇنلايدۇ.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:


مەن ئۇلارنى ھەتتا ئاتا-بوۋىلىرىمۇ بىلمەيدىغان ئەللەر ئارىسىغا چېچىۋېتىپ، تاكى ئۇلار ھالاك بولغۇچە دۈشمەنلەرنى ئەۋەتىپ قوغلىتىمەن.›»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite