Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 26:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئۇ قوۋۇقبۇزار بىلەن سېپىللىرىڭغا زەربە بېرىدۇ، قوراللار بىلەن مۇنارلىرىڭنى بۇزىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 26:9
5 Referans Kwoze  

ئۇززىيا يەنە يا ئوقلىرىنى ۋە يوغان تاشلارنى ئېتىش ئۈچۈن يېرۇسالېمدىكى ئۇستىلارغا يېڭى قوراللارنى لايىھەلىتىپ ۋە ياسىتىپ، ئۇلارنى شەھەر سېپىلىنىڭ مۇنارلىرىغا ۋە بۇلۇڭلىرىغا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ خۇدانىڭ ياردىمى بىلەن ئۇ ناھايىتى كۈچلەندى. ئۇنىڭ نامى نام-شەرىپى يىراق يەرلەرگە تارقالدى.


ئۇنىڭ ئوڭ قولىدا پالنىڭ جاۋابى، يەنى يېرۇسالېم بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوۋۇقبۇزار بىلەن يېرۇسالېم سېپىلىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولىدۇ. ئۇ لەشكەرلىرىگە: «قىرىڭلار، چۇقان سېلىڭلار!» دەپ بۇيرۇق بېرىپ، شەھەر دەرۋازىلىرىغا قوۋۇقبۇزار ئورۇنلاشتۇرۇپ، سېپىلغا توپا دۆۋىلەپ، شەھەرنى قورشاش ئىنشائاتلىرىنى بەرپا قىلماقچى بولىدۇ.


ئۇلار سېپىللىرىڭنى ۋەيران قىلىدۇ، مۇنارلىرىڭنى يىقىتىدۇ. مەن خارابىلىرىڭنىمۇ پاك-پاكىز سۈپۈرۈپ تاشلايمەن، ئورنىدا پەقەت ئەسلىدىكى قورام تاشلا قالىدۇ.


ئۇ سېنىڭ قۇرۇقلۇققا جايلاشقان يېزىلىرىڭدىكى ئادەملىرىڭنى قىلىچ بىلەن قىرىدۇ. ئاندىن سېنىڭ ئەتراپىڭغا قامال ئىنشائاتلىرىنى قۇرىدۇ، سېپىلىڭنىڭ تۈۋىگە توپا دۆۋىلەيدۇ ۋە قالقانلىرىنى كۆتۈرۈپ، ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ.


ئۇنىڭ ئاتلىرى شۇنچە كۆپكى، سەن ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن چاڭ-توزاننىڭ ئاستىدا قالىسەن. ئۇ لەشكەرلىرى بىلەن سېپىلىڭنىڭ بۇزۇلغان يېرىدىن باستۇرۇپ كىرىدۇ. سېپىللىرىڭ ئۇنىڭ چەۋەندازلىرى، ئوزۇق-تۈلۈك ھارۋىلىرى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ يۈرۈشلىرىدىن لەرزىگە كېلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite