Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 26:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئۇ سېنىڭ قۇرۇقلۇققا جايلاشقان يېزىلىرىڭدىكى ئادەملىرىڭنى قىلىچ بىلەن قىرىدۇ. ئاندىن سېنىڭ ئەتراپىڭغا قامال ئىنشائاتلىرىنى قۇرىدۇ، سېپىلىڭنىڭ تۈۋىگە توپا دۆۋىلەيدۇ ۋە قالقانلىرىنى كۆتۈرۈپ، ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 26:8
9 Referans Kwoze  

ئۇنىڭ ئوڭ قولىدا پالنىڭ جاۋابى، يەنى يېرۇسالېم بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوۋۇقبۇزار بىلەن يېرۇسالېم سېپىلىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولىدۇ. ئۇ لەشكەرلىرىگە: «قىرىڭلار، چۇقان سېلىڭلار!» دەپ بۇيرۇق بېرىپ، شەھەر دەرۋازىلىرىغا قوۋۇقبۇزار ئورۇنلاشتۇرۇپ، سېپىلغا توپا دۆۋىلەپ، شەھەرنى قورشاش ئىنشائاتلىرىنى بەرپا قىلماقچى بولىدۇ.


زىدقىيا پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 9-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر پۈتۈن قوشۇنلىرى بىلەن يېرۇسالېمغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇ شەھەرنىڭ سىرتىغا بارگاھ قۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئەتراپىغا توسۇق تاملىرىنى ياساپ، شەھەرنى قورشىۋالدى.


بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن دۈشمەنلەر شەھەر سېپىللىرىغا قانچىلىك كۆپ توپىلارنى دۆۋىلەيدۇ-ھە! ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن، بۇ شەھەر ئۆزىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بابىللىقلارنىڭ قولىغا چۈشىدۇ. سەن: ‹بۇ ئىشلارنى يۈز بېرىدۇ› دېگەنىدىڭ. مانا، ئەمدى بۇ ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىسەن.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى دەرەخلەرنى كېسىڭلار. سېپىلىغا توپا دۆۋىلەپ ھۇجۇم قىلىڭلار. بۇ شەھەر جازالىنىشى كېرەك. ئۇنىڭدا زۇلۇمدىن باشقا نەرسە يوق.


يوئاب ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى شىبانىڭ بەيت-مائاكادىكى ئابېل شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇ يەرگە بېرىپ، شەھەرنى قورشاۋغا ئالدى. ئۇلار شەھەر سېپىلىنىڭ تۈۋىگە توپا دۆۋىلىدى ۋە سېپىلنى ئۇرۇپ بۇزۇشقا باشلىدى.


شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، دۈشمەنلىرىڭلار شەھىرىڭلارنىڭ ئەتراپىغا قورغان قۇرۇپ، سىلەرنى تۆت تەرەپتىن قورشىۋېلىپ،


قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان خەلقىڭ قىلىچ بىلەن قىرغىن قىلىنىدۇ. شۇندىلا خەلقىڭ مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»


ئۇ قوۋۇقبۇزار بىلەن سېپىللىرىڭغا زەربە بېرىدۇ، قوراللار بىلەن مۇنارلىرىڭنى بۇزىدۇ.


ئۇلار پادىشاھلارنى مەسخىرە، ھۆكۈمدارلارنى زاڭلىق قىلىدۇ. ئۇلار مۇستەھكەم شەھەرلەرنى كۆرۈپ، كۈلۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇلار توپا دۆۋىلەپ، سېپىلغا چىقىپ، شەھەرلەرنى ئىشغال قىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite