Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 26:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان خەلقىڭ قىلىچ بىلەن قىرغىن قىلىنىدۇ. شۇندىلا خەلقىڭ مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 26:6
10 Referans Kwoze  

ئۇ سېنىڭ قۇرۇقلۇققا جايلاشقان يېزىلىرىڭدىكى ئادەملىرىڭنى قىلىچ بىلەن قىرىدۇ. ئاندىن سېنىڭ ئەتراپىڭغا قامال ئىنشائاتلىرىنى قۇرىدۇ، سېپىلىڭنىڭ تۈۋىگە توپا دۆۋىلەيدۇ ۋە قالقانلىرىنى كۆتۈرۈپ، ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ.


ئاچاڭ سامارىيەدۇر، ئۇ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى شىمالىڭدا، سىڭلىڭ سودوم ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى سېنىڭ جەنۇبۇڭدا ياشايتتى.


مەن ئۇلاردىن دەھشەتلىك قىساس ئالىمەن ۋە ئۇلارنى قەھر-غەزىپىم بىلەن جازالايمەن. مەن ئۇلاردىن قىساس ئالغاندىلا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»


مەن ئىسرائىللارنىڭ قولى ئارقىلىق ئىدوملاردىن ئۆچ ئالىمەن. ئىسرائىللار مېنىڭ قەھر-غەزىپىم بويىچە ئۇلارنى جازالايدۇ. شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ قىساسىمنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ. بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


موئابلارنى چوقۇم جازالايمەن، شۇندىلا ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.»


شۇڭا مەن سىلەرگە قارشى قولۇمنى كۆتۈرۈپ، سىلەرنى باشقا ئەللەرگە ئولجا قىلىپ تۇتۇپ بېرىمەن. سىلەرنى ئەللەر ئارىسىدىن يوق قىلىمەن، سىلەر ھالاك بولىسىلەر. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.»


مەن پايتەختىڭلار رابباھ شەھىرىنى تۆگىلەر ئوتلايدىغان ئوتلاققا ئايلاندۇرىمەن، ئاممونلارنىڭ زېمىنىنى قوي قوتىنىغا ئايلاندۇرىمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.


مەن مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىڭلىڭ سودوم ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى سەنچىلىك ۋە قىزلىرىڭچىلىك رەزىللىك قىلمىغان.


مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، بىر ۋاقىت كېلىدۇ، ئۇ چاغدا ئاممونلارنىڭ پايتەختى رابباھ شەھىرى ئۆزىگە قارشى جەڭ چۇقانلىرىنى ئاڭلايدۇ، ئۇ شەھەر خارابە دۆۋىسىگە ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ، ئاندىن ئىسرائىللار ئۆزلىرىدىن تارتىۋېلىنغان زېمىننى قايتۇرۇۋالىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


سىڭىللىرىڭ سودوم ۋە سامارىيەنى قىزلىرى بىلەن بىرلىكتە قايتا گۈللەندۈرىمەن، سېنىمۇ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە گۈللەندۈرىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite