5 مەن شۇنداق دەپ جاكارلايمەنكى، سېنىڭ دېڭىزدىكى ئارىلىڭ بېلىقچىلار تورلىرىنى يېيىپ قۇرۇتىدىغان يەرگە ئايلىنىدۇ. سەن نۇرغۇن ئەللەر تەرىپىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىسەن ۋە
شۇڭا مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: «مەن مىسىرنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن. ئۇ مىسىرنى تالان-تاراج قىلىپ، بايلىقلىرىنى غەنىيمەت ئالىدۇ. مىسىردىكى بايلىقلار بابىل لەشكەرلىرىنىڭ ئىش ھەققى بولىدۇ.
بېلىقچىلار دېڭىزنىڭ قىرغىقىدا تۇرۇپ، بېلىق تۇتىدۇ. بېلىقلارنىڭ تۈرلىرى ئوتتۇرا دېڭىزدىكى بېلىقلاردەك ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. ئېنگەدىدىن ئېن-ئەگلايىمغىچە بولغان يەرلەر بېلىقچىلارنىڭ تورلىرىنى يېيىپ قۇرۇتىدىغان يەرلەرگە ئايلىنىدۇ.
ئۇلار نالە-پەرياد ئىچىدە سەن ئۈچۈن مەرسىيە ئوقۇشىدۇ ۋە ساڭا تەزىيە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېيىشىدۇ: ‹دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەن تىر شەھىرىگە ئوخشاش يەنە بىر شەھەر بارمىدى؟›
مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: «ئەي تىر، مەن سېنى ئادەمزاتسىز خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن ۋە چوڭقۇر دېڭىز سۈيىگە غەرق قىلىمەن.
شۇڭا مەن سىلەرگە قارشى قولۇمنى كۆتۈرۈپ، سىلەرنى باشقا ئەللەرگە ئولجا قىلىپ تۇتۇپ بېرىمەن. سىلەرنى ئەللەر ئارىسىدىن يوق قىلىمەن، سىلەر ھالاك بولىسىلەر. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.»
مەن سېنى قورام تاشقا ئايلاندۇرىمەن، بېلىقچىلار سەندە تورلىرىنى يېيىپ قۇرۇتىدۇ. سەن قايتا ئەسلىڭگە كېلەلمەيسەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»