12 مال-مۈلكۈڭنى، بايلىقلىرىڭنى بۇلاپ، سېپىللىرىڭنى ۋەيران قىلىدۇ، چىرايلىق ئۆيلەرنى تۈزلىۋېتىدۇ. خارابىلىكتىكى تاش ۋە ياغاچلىرىڭنى دېڭىزغا تۆكىدۇ.
بۇ ئىشلارنى تىرغا كىم ئىرادە قىلدى؟ بۇ شەھەردىن پادىشاھلار چىققان، سودىگەرلىرى شاھزادىلەردەك مەرتىۋىلىك ئىدى. ئۇنىڭ سودىگەرلىرى يەر يۈزىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى.
سىلەر يوقسۇللارغا زۇلۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرىنى ئالۋان-سېلىق بىلەن قاقتى-سوقتى قىلىسىلەر. شۇڭا سىلەر يونۇلانغان تاشلاردىن سېلىنغان چىرايلىق ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرالمايسىلەر، ھەم ئۆزۈڭلار ياخشى ئۆستۈرگەن ئۈزۈمزارلىقىڭلاردىن چىققان شارابلارنى ئىچەلمەيسىلەر.
خىزكىيا شۇنچىلىك باي ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى. ئۇ ئالتۇن، كۈمۈش، گۆھەر، خۇشبۇي ئەشيالار، قالقان ۋە باشقا ھەر خىل قىممەت باھالىق بۇيۇملىرى ئۈچۈن مەخسۇس خەزىنىلەرنى قۇردى.
مەن ئۇلارنى خۇددى بوران ئۇچۇرۇۋەتكەندەك، يات ئەللەرگە ئۇچۇرۇۋەتتىم. ئۇلارنىڭ زېمىنى قاقاسلىققا ئايلىنىپ، ھېچكىم ئۇ يەرگە ئاياغ باسمىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار باياشات زېمىنىنى چۆللۈككە ئايلاندۇردى.»
ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئولجا ئېلىڭلار! بۇ يەردە پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىقلار بار، قىممەتلىك خەزىنىلەر سان-ساناقسىزدۇر.
گەرچە ئىسرائىلىيەلىكلەر قېرىنداشلىرى ئارىسىدا گۈللەنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇلاقلىرى ۋە قۇدۇقلىرى مەن پەرۋەردىگار شەرقتىن، يەنى قۇملۇقتىن ئەۋەتكەن ئىسسىق شامالدا قۇرۇپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ خەزىنىسىدىكى ھەممە بايلىقلىرى بۇلاپ كېتىلىدۇ.
ئۇ شىمالىي پادىشاھلىقتىكى ئىلاھلارنىڭ بۇتلىرىنى ۋە بۇتلارغا ئاتالغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئولجا ئېلىپ، مىسىرغا ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ كېيىنكى بىرنەچچە يىل ئىچىدە شىمالىي پادىشاھلىققا ھۇجۇم قىلمايدۇ.
ئۇلار سېنى ئۆلۈكلەر ماكانىغا تاشلايدۇ، سەن دېڭىزنىڭ مەركىزىدە ئېچىنىشلىق ھالدا ھالاك بولىسەن.
مەن شۇنداق دەپ جاكارلايمەنكى، سېنىڭ دېڭىزدىكى ئارىلىڭ بېلىقچىلار تورلىرىنى يېيىپ قۇرۇتىدىغان يەرگە ئايلىنىدۇ. سەن نۇرغۇن ئەللەر تەرىپىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىسەن ۋە
بۇ ئەللەرنىڭ سەركىلىرى قايغۇرۇپ نالە-پەرياد قىلسۇن! بۇ خەلقلەرنىڭ يولباشچىلىرى چاڭ-توزانلارغا مىلىنىپ ياتسۇن! چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغان ۋاقتى كەلدى. ئۇلار يىقىلىپ چۈشۈپ، خۇددى ئېسىل چىنىدەك سۇنىدۇ.
بۇرۇن باياشات بولغان ئېتىزلار ۋە مول ھوسۇللۇق ئۈزۈملۈكلەر ئۈچۈن مەيدەڭلەرگە ئۇرۇپ يىغلاڭلار.
پەرۋەردىگار قولىنى دېڭىزغا سوزۇپ، پادىشاھلىقلارنى تىترەتمەكتە. ئۇ تىر ئەتراپىدىكى قورغانلارنى گۇمران قىلىشقا بۇيرۇق قىلدى.
شۇ يىلى ئەتىياز كەلگەندە پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يەھۇدىيە پادىشاھىنى تۇتقۇن قىلدى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى قىممەتلىك بۇيۇملارنى بىرگە بابىلغا ئەكەتتى. ئاندىن ئۇنىڭ تاغىسى زىدقىيانى يېرۇسالېمدا يەھۇدىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.
ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان بىلەن كەلگەن بابىل لەشكەرلىرى يېرۇسالېمنىڭ پۈتۈن سېپىلىنى چېقىۋەتتى.