11 جەڭ ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرى كوچىلىرىڭنى چەيلەيدۇ. ئۇ قىلىچى بىلەن خەلقىڭنى ئۆلتۈرىدۇ، مەزمۇت تۈۋرۈكلىرىڭنى يىقىتىدۇ.
ئۇ تەكەببۇرلارنىڭ كىبىرىنى سۇندۇرىدۇ. ئۆزىنى ئاسماندا چاغلايدىغانلارنىڭ شەھەرلىرىنى تۈزلىۋېتىدۇ. ئۇلارنى توپا دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.
ئۇلارنىڭ ئوقيالىرى ئۆتكۈر بولۇپ، ساداقلىرىنىڭ كىرىچى چىڭ تارتىلغان. ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرى چاقماق تاشتەك قاتتىق، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرى قۇيۇندەك پىرقىرايدۇ.
ئۇلارنىڭ ئاتلىرى يىلپىزدىن تېز، گۇگۇمدىكى ئاچ بۆرىدىن ھوشياردۇر. ئۇلارنىڭ ئاتلىقلىرى يىراقتىن چېپىشىپ كېلىدۇ ۋە خۇددى بۈركۈتتەك ئولجىلىرىغا تاشلىنىدۇ.
دۇنيادا جەڭ تۇغلىرى كۆتۈرۈلسۇن! بۇرغا چېلىنىپ، ئەللەر جەڭگە چاقىرىلسۇن. ئۇلار بابىلغا قارشى جەڭگە تەييارلانسۇن. ئارارات، مىننى ۋە ئاشكىنازنىڭ پادىشاھلىقلىرى جەڭگە چاقىرىلسۇن. يېتەكلەيدىغان سەردار تەيىنلەنسۇن. بابىلغا قارشى توپ-توپ چېكەتكىلەردەك ئاتلار ئەۋەتىلسۇن.
ئۇ مىسىردىكى قۇياشقا ئاتالغان بۇتخانىغا ئورنىتىلغان تۈۋرۈكلەرنى چېقىپ تاشلايدۇ ھەمدە مىسىرلىقلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ بۇتخانىلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.›»