ئەزەكىئەل 26:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى10 ئۇنىڭ ئاتلىرى شۇنچە كۆپكى، سەن ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن چاڭ-توزاننىڭ ئاستىدا قالىسەن. ئۇ لەشكەرلىرى بىلەن سېپىلىڭنىڭ بۇزۇلغان يېرىدىن باستۇرۇپ كىرىدۇ. سېپىللىرىڭ ئۇنىڭ چەۋەندازلىرى، ئوزۇق-تۈلۈك ھارۋىلىرى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ يۈرۈشلىرىدىن لەرزىگە كېلىدۇ. Gade chapit la |
ئۇلار شىمالدىن جەڭ ھارۋىلىرى، ئوزۇق-تۈلۈك ھارۋىلىرى ۋە زور قوشۇنىنى باشلاپ كېلىپ، ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلار قوللىرىغا چوڭ-كىچىك قالقان ئالغان، باشلىرىغا دۇبۇلغا كىيگەن بولۇپ، تۆت تەرەپتىن سېنى قورشاۋغا ئالىدۇ. ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىنى ئۇلارغا بېرىمەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قائىدىلىرى بويىچە سېنى جازالايدۇ.