7 بۇ شەھەردە قىرغىنچىلىق يۈز بەردى، ئادەملەرنىڭ قېنى تاش ئۈستىگە تۆكۈلدى، ئەگەر قان يەرگە تۆكۈلگەن بولسا ئىدى، تۇپراققا كۆمۈلۈپ كەتكەن بولاتتى.
ئەگەر ئىسرائىللار ۋە ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر ھالال قۇش ياكى ھالال ياۋايى ھايۋاننى ئوۋلاپ تۇتۇۋالسا، ئۇنى دەرھال بوغۇزلاپ، قېنىنى كۆمۈۋەتسۇن.
لېكىن قاننى يېمەڭلار، قاننى خۇددى سۇ تۆككەندەك يەرگە تۆكۈۋېتىڭلار.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلىرى ئۈچۈن خىجىل بولدىمۇ؟ ياق! ئۇلار پەقەتلا خىجىل بولمىدى. ئۇلار ھەتتا ئۇيىلىپ قىزىرىشنىمۇ بىلمەيدۇ! شۇڭا ئۇلار خۇددى باشقىلارغا ئوخشاش ھالاك بولىدۇ. مەن ئۇلارنى جازالىغاندا، ئۇلار چوقۇم ۋەيران بولىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»
كىيىم-كېچەكلىرىڭلار يوقسۇللار ۋە بىگۇناھلارنىڭ قېنىغا مىلەندى. لېكىن ئۇلار ئۆيلىرىڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىپ تۇتۇلۇپ قېلىنغان ئوغرى ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ،
قاراڭلار، يەر يۈزىدىكى گۇناھكار كىشىلەرنى جازالاش ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۆز ماكانىدىن چىقتى. زېمىنغا تۆكۈلگەن قانلارنى زېمىن ئاشكارىلايدۇ، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى زېمىن يوشۇرۇپ قالالمايدۇ.
يۈزلىرىدىكى ئىپادىلەر ئۇلارنىڭ ئۆز رەزىللىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ، خۇددى رەزىل سودوملۇقلاردەك ئۆز گۇناھلىرىنى ئاشكارا قىلىدۇ. ئۇلار ئۆز گۇناھلىرىدىن نومۇس قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلار ئۆز بېشىغا ئۆزى ئىش تاپتى.
ئېھ زېمىن، قېنىمنى يوشۇرما، نىدالىرىمنى توسما.
سەن ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار: ‹سەن ئادەم ئۆلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ يېرىنىمۇ تارتىۋالامسەن؟› دەيدۇ، دېگىن». ئۇنىڭغا يەنە: «پەرۋەردىگار: ‹ئىتلار نابوتنىڭ قېنىنى قەيەردە يالىغان بولسا، سېنىڭ قېنىڭنىمۇ شۇ يەردە يالايدۇ!› دەيدۇ، دېگىن».
قاننى يېمەڭلار، ئۇنى خۇددى سۇ تۆككەندەك يەرگە تۆكۈۋېتىڭلار.
سەن تۆككەن قانلار سەۋەبىدىن گۇناھكار بولدۇڭ. بۇت ياساپ، ئۆزۈڭنى بۇلغىدىڭ. شۇڭا سېنىڭ ۋاقتىڭ توشتى، ھالاك بولىدىغان كۈنۈڭ كەلدى. مەن سېنى باشقا ئەللەر ۋە خەلقلەر ئارىسىدا مەسخىرە ۋە خورلۇققا قالدۇرىمەن.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىنسانلارغا بالايىئاپەت ئەكېلىپ، ئۇلارنى ئەمالاردەك تىمىسقىلاپ ماڭدۇرىمەن. چۈنكى ئۇلار ماڭا قارشى گۇناھ قىلدى. ئۇلارنىڭ قانلىرى يۇندىدەك تۆكۈلىدۇ، جەسەتلىرى چىرىتىپ تاشلىنىدۇ.»
لېكىن ھەققانىي ئادەملەر بۇ ئاياللارنى زىنا قىلغان ۋە قان تۆككەن ئاياللارغا بېرىلىدىغان جازا بىلەن جازالايدۇ. چۈنكى بۇ ئىككى ئايال پاھىشىلىك قىلدى ۋە قوللىرىنى قان بىلەن بويىدى.