Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 24:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 _ ئەي ئادەم بالىسى، سېنىڭ كۆز قارىچۇقۇڭ بولغان ئايالىڭنى تۇيۇقسىز ئەكېتىمەن، لېكىن سەن ھازا ئاچما، پەرياد قىلما، ياش تۆكمە.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 24:16
17 Referans Kwoze  

«ئۆلتۈرۈلگەن پادىشاھ يوشىيا ئۈچۈن يىغا-زار قىلىپ قايغۇرماڭلار. لېكىن پادىشاھنىڭ سۈرگۈن قىلىنغان ئوغلى ئۈچۈن يىغلاپ قايغۇرۇڭلار. چۈنكى ئۇ ئەمدى ئۆز زېمىنىنى قايتا كۆرەلمەيدۇ.»


ئەگەر سىلەر يەنىلا سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىساڭلار، سىلەرنىڭ بۇ مەغرۇرلۇقۇڭلار ئۈچۈن، پەقەت مەنلا يالغۇز قايغۇرۇپ يىغلايمەن. قاتتىق يىغلايمەن، كۆزلىرىم ئازاب ياشلىرىغا تولىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى سۈرگۈن بولۇپ كېتىدۇ.»


قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلماي ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان كىشىلەردەك ھەسرەت چەكمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، بىز، ئالەمدىن ئۆتكەن ئېتىقادچىلار توغرىسىدىكى ھەقىقەتتىن خەۋەردار بولۇشۇڭلارنى خالايمىز.


مەن ئەتىگەندە جامائەت بىلەن سۆزلەشتىم. كەچتە ئايالىم ئالەمدىن ئۆتتى. ئەتىسى ئەتىگەندە ھەممە ئىشنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمر قىلغىنى بويىچە قىلدىم.


مەنسۇپتۇرمەن ئاشىقىمغا، ئۇنىڭ ئىشتىياقى باردۇر ماڭا.


ئەي سىئوننىڭ شەھەر سېپىلى، نىدا قىل چىن قەلبىڭدىن ئىگىمىزگە! كېچە-كۈندۈز ئاقسۇن يېشىڭ دەريا كەبى، كۈن ۋە تۈن يۇمما كۆزلىرىڭنى.


پەرۋەردىگار ماڭا يەنە مۇنداق دېدى: _ ئۇلار دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۆيگە كىرمىگىن ۋە ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرۇپ ماتەم تۇتمىغىن. چۈنكى مەن بۇ كىشىلەرگە بەرگەن ئامانلىقىم، مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىم ۋە رەھىمدىللىكىمنى ئېلىپ كېتىمەن.


كۆزلىرىڭلاردىن ياشلار تاراملاپ چۈشكۈچە، ئۇلار تېز كېلىپ سىلەر ئۈچۈن نالە-پەرياد قىلسۇن.


بېشىم قۇدۇق، كۆزلىرىم بۇلاق بولغاي، ئۆلتۈرۈلگەن خەلقىمگە كېچە-كۈندۈز يىغلاي.


ئۇ كېيىكتەك سۆيۈملۈك، مارالدەك چىرايلىقتۇر، ئۇنىڭ كۆكسى سېنى قانائەتلەندۈرسۇن، مۇھەببىتىگە دائىم شەيدا بولغىن.


ئاگاھ بول، ھېچكىم سېنى بايلىقى بىلەن ئازدۇرمىسۇن، ئالغان پاراڭنىڭ كۆپلۈكى سېنى ھەق يولدىن ياندۇرمىسۇن.


شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار يوشىيا پادىشاھنىڭ ئوغلى، يەنى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەر ‹ئىسىت، قېرىندىشىم! ۋاي جانجىگىرىم!› دېيىشىپ، ياش تۆكمەيدۇ. خەلقى ئۇنىڭ ئۈچۈن: ‹ئىسىت، خوجايىنىمىز ئۆلۈپ كەتتىغۇ! ئىسىت، ئۇنىڭ شان-شۆھرىتى يوقالدىغۇ!› دەپ يىغلىمايدۇ.


«مەن تاكى بۈگۈنگىچە ئازاب ئىچىدە شىكايەت قىلماقتىمەن، مەن نالە قىلساممۇ، ئۇ ماڭا ئازاب سېلىۋاتىدۇ.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:


لېكىن ئۇلار خەلقنىڭ باشلامچىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ جەسىتى سەۋەبىدىن ئۆزلىرىنى بۇلغىسا بولمايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite