Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئەزەكىئەل 24:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئاندىن قۇرۇق مىس قازاننى چوغ ئۈستىگە قوي، ئۇ قىپقىزىل قىزارسۇن. قازاندىكى داتلار ئېرىپ، مەينەتچىلىك كۆيۈپ يوق بولسۇن.

Gade chapit la Kopi




ئەزەكىئەل 24:11
21 Referans Kwoze  

سىلەرگە ئېيتىمەنكى، مەن بۇ شەھەرگە ئاپەت ياغدۇرۇشنى قارار قىلغان. بۇ شەھەرگە ھېچقانداق ياخشىلىق قىلمايمەن. مەن بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن، ئۇ بۇ شەھەرنى كۆيدۈرىدۇ.»


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ كۈن خۇددى لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان تونۇردەك بولىدۇ. ئۇ كۈنى تەكەببۇرلار ۋە يامانلىق قىلغۇچىلار پاخالدەك كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ئۇلاردىن نە يىلتىز، نە شاخ-شۇمبا قالمايدۇ.


سىلەرگە قارشى قول كۆتۈرىمەن. داشقاللىرىڭلارنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلاپ، پۈتكۈل ئەخلەتلىرىڭلارنى چىقىرىپ تاشلايمەن.


ئۇ قولىدىكى كۈرەك بىلەن خاماندىكى ساپ بۇغداينى ئامبارغا، سامىنىنى ئۆچمەس ئوتقا تاشلايدىغان ئادەمگە ئوخشاش، ھەممە ئىنساننى ئايرىيدۇ، - دېدى.


ئۈستۈڭلارغا پاكىز سۇ چاچىمەن، سىلەر پاك بولىسىلەر. سىلەرنى پۈتۈن ناپاكلىقلاردىن ۋە پۈتۈن بۇتلاردىن پاكلايمەن.


ئاراڭلاردىكى ئاسىي ۋە گۇناھكارلارنى يوقىتىمەن. گەرچە مەن ئۇلارنى يات ئەللەردىن ئېلىپ چىققان بولساممۇ، لېكىن ئۇلار ئىسرائىلىيە زېمىنىغا كىرەلمەيدۇ. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.


ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا، پادىشاھ ئوردىسىغا ۋە يېرۇسالېمدىكى بارلىق ئۆيلەرگە، بولۇپمۇ كاتتا زاتلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى.


بابىللىقلار پادىشاھ ئوردىسى ۋە خەلقنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى ھەمدە يېرۇسالېم سېپىللىرىنى بۇزۇۋەتتى.


ئەمما سەن بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا تەسلىم بولمىساڭ، بۇ شەھەر بابىللىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ ۋە ئۇلار بۇ شەھەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. سەنمۇ ئۇلارنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن.»


گەرچە سىلەر، سىلەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بارلىق بابىل قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلساڭلارمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ پەقەت يارلىنىپ چېدىرلىرىدا يېتىۋاتقانلىرىلا ئورنىدىن تۇرۇپ، بۇ شەھەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىيالايدۇ.»


بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بابىللىقلار شەھەرگە بۆسۈپ كىرىپ، ئوت قويۇپ كۆيدۈرىدۇ. ئۇلار ئۆگزىلىرىدە بائالغا ئاتاپ ئىسرىق كۆيدۈرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا ئاتاپ ئىچىملىك ھەدىيەسى سۇنۇپ، غەزىپىمنى كەلتۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى كۆيدۈرىدۇ.


لېكىن مۇشۇ يول بىلەن پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ. ئۇلار يات دىنلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ تاشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ، ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ياسالغان ياغاچ تۈۋرۈكنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈجە كۆيدۈرىدىغان سۇپىلىرىنى يوقىتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىنكى نەتىجە بولىدۇ.


ئىگىمىز سوراق ۋە جازالاش ئارقىلىق سىئون ئاياللىرىنىڭ مەينەتچىلىكىنى يۇيىدۇ، يېرۇسالېمنىڭ قان داغلىرىنىمۇ تازىلايدۇ.


كۆپرەك ئوتۇن دۆۋىلە ۋە ئوتۇنغا ئوت ياق. گۆشنى قاينىتىۋەر، تاكى شورپىسى قالمىغۇچە قاينات، سۆڭەكلىرى كۆيۈپ كەتسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite